Chinese→UyghurMain Dictionary
法兰西共同体
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسى
ئەسلى فرانسىيە بىلەن ئۇنىڭ ئافرىقىدىكى مۇستەملىكىلىرىدىن تەشكىل تاپقان <فرانسىيە ئىتتىپاقى>. 1958 - يىلى 9 - ئايدا فرانسىيە تۈزگەن بەشىنچى جۇمھۇرىيەت ئاساسىي قانۇنىدا <فرانسىيە ئىتتىپاقى>نى <فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسى> دەپ ئۆزگەرتىشنى، شۇنىڭدەك ئورتاق گەۋدىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەت بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. ئورتاق گەۋدىدە ئىجرائىيە كومىتېت، كېڭەش پالاتاسى ۋە كېسىم سوتى تەسىس قىلغان. ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ مەمۇرىي ھوقۇقى ۋە قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەن، لېكىن دۆلەت مۇداپىئەسى، دىپلوماتىيە قاتارلىق ئاساسلىق ھوقۇقلار فرانسىيە زۇڭتۇڭى ۋە ھەرقايسى مىنىسترلارنىڭ ئىلكىدە بولغان. 1960 -يىلى ئاساسىي قانۇننىڭ تولۇقلىما ماددىلىرىدا يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئورتاق گەۋدە ئەزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولسا بولىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك داۋاملىق ھالدا ئورتاق گەۋدىدە تۇرىۋېرىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. 1958 - يىلى گۋېنىيە مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان، 1960 - يىلدىن كېيىن ئورتاق گەۋدىگە ئەزا كۆپلىگەن دۆلەتلەر مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئورتاق گەۋدىدىن چىقىپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن فرانسىيە بۇ دۆلەتلەر بىلەن خېلى قۇيۇق بولغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالغان.
ئۇنىۋېرسال
fǎ lán xī gòng tóng tǐ
فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسى