Uyghur→ChineseMain Dictionary
تۆگە جېڭى
دىنى سۆزلۈكلەر
ئىسلام دىنى
骆驼之战
luò tuó zhī zhàn
دۇنيا تارىخى
骆驼战役
luò tuó zhàn yì
ئىسلام دىنى ھۆكۈمرانلار گورۇھى ئىچىدە يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق جەڭ. مىلادى 656 - يىلى خەلىپە ئوسمان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەلى خەلىپە بولۇپ سايلىنىپ، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تۇل ئاياللىرى ئائىشە ۋە تېلھا، زۇبەيرە باشچىلىقىدىكى ئاقسۆڭەكلەر گورۇھىنىڭ قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇلار ئوسمان ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىش شۇئارى ئاستىدا، ئەسكەر تارتىپ ئەلىگە قارشى تۇرغان، ھەزرىتى ئەلى ئەسكەر باشلاپ كېلىپ باستۇرغان. شۇ يىلى 12 - ئايدا بەسرە شەھىرىنىڭ سىرتىدا ئىككى تەرەپنىڭ ئەسكەرلىرى ئېلىشقان، ئائىشە ئەسكەرلىرىگە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، توسۇقلانغان تۆگە ئۈستىدە ئولتۇرۇپ جەڭگە نازارەت قىلىغان، شۇڭا بۇ <تۆگە جېڭى> دەپ ئاتالغان. نەتىجىدە ھەزرىتى ئەلى غەلىبە قىلىپ، تېلھا بىلەن زۇبەيرە ئۇرۇشتا ئۆلگەن، ئائىشە ئەسىرگە ئېلىنىپ، مەدىنىگە قايتۇرۇلغان.