—Reference
يېشىم
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئادەتتە يېشىم - تۈگەللىمە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يېشىم ئەدەبىي ئەسەرىدىكى زىددىيەت - توقۇنۇشنىڭ ھەل قىلىنىشى بولۇپ، سۇژېت راۋاجلىنىپ يېشىم باسقۇچىغا بارغاندا پېرسۇنادلار ھەم ۋەقەلەردىن بەلگىلىك نەتىجە چىقىرىلىدۇ. باش تېما پۈتۈنلەي ئېچىلىدۇ ۋە سۇژېتىمۇ يېشىم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. مەسىلەن: «ئاQ نىڭ رەسمىي تەرجىمىھالى» نىڭ 9 - بابى - «ئاقىۋەت» تە ئاQ ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇ مۇشۇ ئەسەرنىڭ يېشىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.