UyghurMain Dictionary
لىسنى قانۇنى
دۇنيا تارىخى
<لىسنى - سېكىستى قانۇنى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى بىر خىل قانۇن. مىلادىدىن 376 يىل ئىلگىرى، لىسنى بىلەن سېكىستى خەلق ترىبونى بولۇپ، ئاددىي خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، بىر قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرغا قويغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمونى: پۇقرالارنىڭ <جامائەت يېرى> (دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى يەر)نى ئۆزلەشتۈرۈشكە ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىغا قول قويۇش، ئەمما ئۆزلەشتۈرگەن يېرىنىڭ مىقدارى 500 سېنتۇر (بىر سىنتۇر تەخمىنەن 1/4 گېكتارغا توغرا كېلىدۇ) دىن ئاشماسلىق، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ <جامائەت يېرى> نى ئىگىلىۋېلىشىغا چەك قويۇش؛ ئاددىي خەلق ئۈستىدىكى قەرزدىن ئۆسۈم ئېلىشنى بىردەك توختىتىش، تۆلەپ بولغان ئۆسۈمىنى قەرز پۇل دىرىگە ھېسابلاش، تېخى تۆلەپ بولالمىغان قەرزىنى ئۈچ يىلغا بۆلۈپ قايتۇرۇشقا يول قويۇش، ئەمەلىيەتتە ئەسلىدىكى قەرزلەرنى بىكار قىلىش ياكى ئاساسەن بىكار قىلىش، بىر مەھەل ئۈزۈلۈپ قالغان، يىلدا ئىككى نەپەر كونسۇل سايلاپ چىقىش تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنى ئاددىي خەلقتىن سايلاشتىن ئىبارەت. بۇنىڭغا ئاقسۆڭەكلەر قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن، ئاددىي خەلقنىڭ قوللىشى بىلەن لىسنى بىلەن سېكسىتى ئۇدا ئون قېتىم خەلق ترىبونى قىلىپ سايلانغان، قانۇن لايىھىسىنىمۇ ئۇدا ئون يىل ئوتتۇرغا قويۇپ، ئاخىرى مىلادىدىن 367 يىل ئىلگىرى ماقۇللاتقان. سېكىستى مىلادىدىن 636 يىل ئىلگىرى كونسۇل بولۇپ سايلانغان. بۇ ئاددىي خەلقلەرنىڭ ئاقسۆڭەكلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرىشىنىڭ دەسلەپكى دەۋردىكى مۇھىم بىر غەلىبىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.