UyghurMain Dictionary
ژابرا
بىئولوگىيە
<ساقاق> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ كۆپ ساندىكى سۇدا ياشايدىغان ھايۋانلارنىڭ نەپەسلىنىش ئورگىنى. بەزى ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار ]مەسىلەن قاسىراقلىق ھايۋانلارنىڭ پەيسىمان ژابراسى، مولليۇسكلارنىڭ تەخسىسىمان ژابراسى (ساقىقى) قاتارلىقلار[ ۋە ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردىن يۇمىلاق ئېغىزلىقلار، بېلىقلار، قوش ماكانلىقلارنىڭ بالا تەنىسى، ئاز ساندىكى قۇيرۇقلۇق قوش ماكانلىقلارنىڭ يېتىلگەن تەنىسى قاتارلىقلاردا بولىدۇ. ژابرا (ساقاق) نىڭ ئورنى، مورفولوگىيىسى، تۈزۈلۈشى ئادەتتە ھايۋانلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ناھايىتى چوڭ پەرقلىنىدۇ. سۇدا ياشايدىغان ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ژابراسى يۇتقۇنچاق قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، يۇتقۇنچاق قىسمىدىكى ژابرا (ساقاق) يېرىقچىسىدا بولىدۇ. كۆمۈرچەكلىك بېلىقلارنىڭ ھەرقايسى ژابرالىرى (ساقاقلىرى) يالىڭاچ بولىدۇ؛ سۆڭەكلىك بېلىقلارنىڭ ژابرا (ساقاق) رايونىنى يەنە ژابرا (ساقاق) قاپقىقى يېپىپ قوغداپ تۇرىدۇ. سۇ ئېقىمىنىڭ ژابرا (ساقاق) قىسمىغا كىرىپ، چىقىش جەريانى ئوخشاشلا يەنە ھاۋا ئالمىشىش جەريانى ھېسابلىنىدۇ. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ژابراسى بەدەن سىرتىغا ئوچۇق چىققان - چىقمىغانلىقىغا قاراپ ئىچكى ژابرا ۋە تاشقى ژابرا دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ئىچكى ژابرا پۈتۈنلەي بەدەن ئىچىدە بولۇپ، ژابرا يېرىقچىسى ياكى ژابرا تۆشۈكى ئارقىلىق تاشقى دۇنياغا تۇتىشىدۇ؛ تاشقى ژابرا بولسا، پۈتۈنلەي بەدەن سىرتىدا بولۇپ، يېپىپ تۇرىدىغان نەرسىسى بولمايدۇ. زور كۆپ ساندىكى بېلىقلارنىڭ ژابراسى ئىچكى ژابرادىن ئىبارەت؛ ئاكۇلا، ئۆپكىلىك بېلىق ۋە ئاز ساندىكى سۆڭەكلىك بېلىقلارنىڭ تۆرەلمىسى بەزى قوش ماكانلىقلارنىڭ بالا تەنلىرى (مەسىلەن، قۇمچاق) ياكى يېتىلگەن تەنىسى (مەسىلەن، غار سەمەندەرى) قاتارلىقلارنىڭ بولسا، تاشقى ژابرادىن ئىبارەت. تاشقى ژابرا ئادەتتە يىپسىمان ياكى پەيسىمان بولۇپ، باشنىڭ كەينى ئىككى يېنىغا جايلىشىدۇ.