Uyghur→ChineseMain Dictionary
لېۋىس
دۇنيا تارىخى
刘易士
liú yì shì
(1) جون لېۋىللىن لېۋىس (1880 - 1969) ئامېرىكا سانائەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلەشمىسىگە ئاساس سالغۇچى. ياش ۋاقتىدا كان ئىشچىسى بولغان. 1906 - يىلىدىن باشلاپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1917 - 1918 - يىللىرى ئامېرىكا كان ئىشچىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1919 - يىلى مۇۋەققەت رەئىس، ئىككىنچى يىلى رەئىس بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان. 1935 - يىلى ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن گرېن قاتارلىقلار بىلەن پىكىر ئىختىلاپى بولۇپ قېلىپ تەشكىلات بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1938 - يىلى سانائەت ئىشچىلىرى بىرلەشمىسى قۇرۇلۇپ، بۇنىڭ رەئىسى بولغان. دەسلىپىدە روزۋېلىتنىڭ <يېڭى سىياسىتى>نى قوللىغان، 1940 - يىلى بۇرۇلۇپلا ۋىلىكنىڭ زۇڭتۇڭلۇقنى تالىشىشىنى قوللاپ روزۋېلىت بىلەن قارشىلىشىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، سانائەت ئىشچىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىدىن ئىستېپا بەرگەن، لېكىن كان ئىشچىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىنى 1960 - يىلغىچە ئۆتىگەن. (2) سىنكلېر لېۋىس (1885 - 1951) ئامېرىكىلىق يازغۇچى. مىننىسوتا شتاتىدا دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1907 - يىلى يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، ئاخبارات مۇخبىرى، گېزىت - ژۇرنال مۇھەررىرى بولغان. 1914 - يىلى تۇنجى ئەسىرى <بىزنىڭ رەئېن ئەپەندى>نى ئېلان قىلغان. 1920 - يىلى <چوڭ كوچا>نى يېزىپ شۆھرەت قازانغان. 1922 - يىلى <بابىت> نى نەشىر قىلدۇرۇپ، ئامېرىكا بۇرژۇئازىيىسىنىڭ چاكىنا تۇرمۇشىنى سۈرەتلەپ، ئۇششاق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مىشچان ئادىتىنى كۈچلۈك مەسخىرە قىلغان. تەسۋىرى كۈچلۈك، يۇمۇرلۇق ۋە جانلىق بولۇپ، يېڭى ئوبرازلارنى ياراتقانلىقتىن، 1930 - يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. 1936 - يىلى يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات دوكتۇرلۇقى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن يەنە <ۋۇنۇننىڭ چۈشى>، <ئاروسمىس>، <ئىرمى گامېتلې>، <چېجېدىن پولەننېخ>، <تاۋۇجېۋۇس> قاتارلىق رومانلىرى بار.