Uyghur→ChineseMain Dictionary
پىدىياس
دۇنيا تارىخى
菲狄亚斯
fēi dí yà sī
(تەخمىنەن مىلادىدىن 904 يىل ئىلگىرى ياكى مىلادىدىن ئىلگىرى 485 - 432) قەدىمكى يۇنانلىق ھەيكەلتىراش، ئارخېتىكتور ئۇستىسى. ئافىنالىق، كارمېدېنىڭ ئوغلى. ئارگوسىق ھەيكەلتىراش. ئاگېلادا شاگىرتى، پولكلېيت بىلەن دەۋرداش، بىراق، يېشى ئۇنىڭدىن سەل چوڭ. پېرىكلېيتنىڭ دوستى ۋە قوللىغۇچىسى. ئافىنا شەھەر قەلئەسىنى لايىھىلەش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولغان. بولۇپمۇ مەبۇدە ئافىنانىڭ ھەيكىلىنى ياساش بىلەن داڭق چىقارغان. پېلوپوننېسا يېرىم ئارىلىدىكى ئولىمپىياغا بېرىپ، قەدىمكى زامان دۇنياسىدىكى <ئاجايىپ مۆجىزە> دەپ ئاتالغان تەڭرى زېۋىسنىڭ غايەت چوڭ ھەيكىلىنى پۈتتۈرگەن. تەخمىنەن مىلادىدىن 434 يىل ئىلگىرى ياكى مىلادىدىن 433 يىل ئىلگىرى ئافىناغا قايتقاندىن كېيىن، پېرىكلېيتنىڭ ئۆكتىچىىرى تەرىپىدىن ئىلاھقا ھۈرمەتسىزلىك قىلغان، دەپ قارىلانغان، پېرىكلېيت ئۇنى ھەر تەرەپتىن قۇتقۇزۇپ باققان بولسىمۇ، ۋۇجۇدقا چىقماي، ئاخىر تۈرمىگە ئېلىنىپ ئۆلگەن. ئافىنا شەھەر قەلئەسىدە ئۇنىڭ ئۆز قولىدا ئىشلەنگەن نەرسە ئىككى. بىرى، قەلئە مەيدانىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان <ئۇرۇش ئىلاھى ئافىنا> نىڭ برۇنزا ھەيكىلى، ئۇ تەخمىنەن مىلادىدىن 460 - 450 يىل ئىلگىرى پۈتكۈزۈلگەن؛ يەنە بىرى، پارفىنون ئىبادەتخانىسى ( يەنى ئافىنا ئىبادەتخانىسى) دىكى ئېگىزلىكى 12 مېتىر كېلىدىغان ئافىنا ھەيكىلى، يۇنانلىقلاr ئۇنى <ئالتۇن پىل چىشى ھەيكىلى> دەپ ئاتاشقان، ئۇ ياغاچ ياكى تاش ھەيكلە ئۈستىگە پىل چىشى ۋە ئالتۇننى ئورنىتىپ ياسالغان؛ مەبۇدە ئوڭ قولىدا <غەلىبە تەڭرىسى> نىڭ ھەيكىلىنى تۇتقان، سول قولىغا بىر قالقان ئالغان، ئۇنىڭ ئۈستىدە يۇنانلىقلار بىلەن ئامازۇنلار بىر قالقا ئالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇنانلىقلار بىلەن ئامازۇنلار (يات مىللەت ئايال جەڭچىلىرى) نىڭ جەڭ قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ئويۇلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، پارفىنون ئىىبادەتخانىسىنىڭ ئۆزىدىكى نۇرغۇن ئويمىچىلىق ئەسەرلىرىمۇ پىدىياسنىڭ قاتنىشىشى ۋە قوماندانلىق قىلىشى بىلەن ئورۇندالغان (ئنىڭ قىسمەن پارچىلىرى بۈگۈنكى كۈندە برىتانىيە مۇزېيىدا ساقلانماقتا). پىدىياسنىڭ ئاجايىپ ئېسىل سەنئەت ئەسەرلىرى ئۇنىڭ ۋەتىنى بولغان ئافىنانىڭ قۇدرەت تاپقانلىقىنى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى <ئالتۇن دەۋرى> نى ئەكس ئەتتۈرگەن ھەم مەدھىيىلىگەن بولۇپ، قەدىمكى يۇنان ئويمىچىلىقىنىڭ راسا گۈللەنگەن دەۋرىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسەرلەر دەپ قارالماقتا. ئۇزاقتىن بىرى تەسۋېرىي سەنئەتنىڭ بىر ئەۋلاد پىرى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.