UyghurMain Dictionary
ھەيئەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
شەكىل، كۆرۈنۈش، سۈرەت.
ئاسترونومىيە ئىلىمى، ئاسترونومىيە.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
شەكىل، سۈرەت، كۆرۈنۈش؛ ئاسمان ۋە يۇلتۇزلارنىڭ ھەر تۈرلۈك ھاللىرىدىن سۆزلەيدىغان ئىلىم: ئەھلى ھەيئەت - مۇشۇ ئىلىمنىڭ ئۆلىماسى؛ ھەيئەت ئىلمىيە - ئىلمىي مەسىلىلەر ئۈچۈن يىغىلغان كىشىلەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىشنى بېجىرگۈچى ئورگان، باشقارما، بەزىسى سايلام يولى بىلەن تەشكىللىنىدۇ، بەزىسى يۇقىرىدىن تەيىنلىنىدۇ.
1991 - يىلى 3 - ئۆكتەبردىن 2 - نويابرغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق 7 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ20 - قېتىملىق يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. يىغىندا «نەشىنى چەكلەش نىزام» ماقۇللاندى. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە يېزىلىرىدا توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھەيئىتى قۇرۇلدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قۇرۇلتاي، چوڭ يىغىنلاردا مەجلىس باشقۇرۇشقا سايلانغان، بەلگىلەنگەن كوللېكتىپ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى تەييارلىق يىغىنىدا بىر ئېغىزدىن ماقۇللاندى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر ۋەزىپىنى بېجىرىشكە بەلگىلەنگەن، ئاجرىتىلغان ياكى سايلانغان كىشىلەر گۇرۇپپىسى.
ئىمتىھان ئېلىش ھەيئىتى، تەكشۈرۈش ھەيئىتى.
شۇ خىل گۇرۇپپا، تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى.
ھەيئەتلەر سەھنىدىن ئورۇن ئېلىشتى.