UyghurMain Dictionary
پاراۋان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مول، تولۇق، كەڭتاشا.
چۈمۈلە ياز بويى يىغار يېمەك - دان، شۇڭا قىشتا ئۆيى بولار پاراۋان. باياشات ياشاي دېسەڭ، پاك بول. ئاسايىش كۈنلەر كەلسە قۇچاق ئاچ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھەممە جەھەتتىن كەڭ - تاشا
غورىگىل، چۆپچۈل، قاتتىق - قۇرۇق
ھەر جەھەتتىن قىس
چۈمۈلە ياز بويى يىغار يېمەك - دان، شۇڭا قىشتا بولار ئۇۋىسى پاراۋان. باياشات ياشاي دېسەڭ پاك بول. ئاسايىش كۈنلەر كەلسە قۇچاق ئاچ. غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرگەننىڭ دىلى پاك. داستىخان چۆپچۈل بولسىمۇ، كۆڭۈل شاد بولسۇن. قاتتىق - قۇرۇق ياشىساڭمۇ خىيانەت قىلما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
ھەممە جەھەتتىن تولۇق؛ يېتەرلىك؛ كۆپ؛ مول؛ باياشات.
پاراۋان تۇرمۇش. پاراۋان ئائىلە.