UyghurMain Dictionary
بولماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خېمىر پاگىنىڭ رولىدىن كۆپمەك.
مانتىنىڭ خېمىرى ئېچىپتۇ. خېمىر تېخى بولماپتۇ، سەل تۇرايلى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يۈز بەرمەك، سادىر بولماق.
ھايۋانلارمۇ بوش كەلمەپتۇ. قىرىق كېچە - كۈندۈز جەڭ بوپتۇ.
كەلمەك؛ باشلانماق.
چۈش بولدى. زاۋال بولدى.
بىرەر يەردە مەلۇم ۋاقىت تۇرماق.
شەنبە كۈنى گۈلباھار كەچكىچە ھەجەر ئاچىنىڭ ئۆيىدە بولدى.
ئورۇنلاشماق.
توي كۈنى قېرىلار بىر يەردە، ياشلار بىر يەردە بولىدۇ.
ئۆسمەك، ئاينىماق، ئوخشىماق.
غورا بولماي مېغىزى بولماس.
ئۆتمەك.
- ماڭا مۇشۇ يەردە ياشىغىلى ئۇزاق يىللار بولدى، - دېدى كېيىك.
مەۋجۇت، بار ھالەتكە كەلمەك.
ئەمگەك بىلەن ئۆزىگە ھايات يولى تېپىشنى مەقسەت قىلغۇچىنىڭ بۇنچىلىك گەپ قىلىش ھوقۇقى بولىدۇغۇ!
ۋەزىپىگە تەيىنلەنمەك، بىرەر دەرىجە ۋە ئورۇنغا ئېرىشمەك بولماق.
مەن ھازىر مەكتەپ مۇدىرى بولدۇم، لېكىن مەكتەپ خىزمىتىنى بىر كۈنمۇ ئىشلىگىنىم يوق.
مەلۇم قىممەتكە يارىماق.
زىۋىرشانىڭ ھېسابىدا ئۇلارنىڭ 30 مىڭ باغ قومۇشى 7 مىڭ 5 يۈز يۈەن بولاتتى.
توغرا، مۇۋاپىق كەلمەك.
ئاخىر ساۋۇت بۇ ئىش ئۈستىدە ھېچكىمگە ئېغىز ئاچمىغىنىم تۈزۈك، يېنىكلىك بىلەن قوشنامنى يامان ئادەمگە چىقىرىۋەتسەم بولماس، دېگەن ئويغا كەلدى.
مەلۇم ھالەتتە ئۆتمەك، ئىسىملارغا باغلىنىپ كېلىپ پېئىللاشتۇرۇش رولىدا كېلىدۇ.
گۇناھكار بولماق.
سۈپەتلەر ۋە رەۋىشلەر بىلەن بىرىكىپ ئۆتۈمسىز پېئىللاشتۇرۇش رولىدا كېلىدۇ.
چوڭ بولماق.
<بولسا بوپتىكەن> فورمىسىدا كېلىپ <ياخشى ئىدى> مەنىسىدە كېلىدۇ.
بايىقى ئىككى سوئالنى باشقىچە قويسىڭىز بوپتىكەن.
بولۇشسىز فورمىدا كېلىپ ئىقتىداردىن، پائالىيەتتىن قالغانلىقنى بىلدۈرىدۇ.
- بالام، - دەپتۇ بىر كۈنى بوۋاي ئوغلىنى يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ، - مەن بولالمايدىغان ئوخشايمەن.
تەييارلانماق، ھازىرلانماق.
ئالماس بىلەن ئېلىقۇل: - لەيلىگۈل، ئانار قەيەردە؟ بول ئىتتىكرەك ئېيت، - دەپ سورىدى ئۇنىڭدىن.
< - ار، - دىغان، -ماق، - ماقچى> قوشۇمچىلىرى بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللار بىلەن قوشۇلۇپ ئۈمىد، تىلەك مەيلىنى بىلدۈرىدۇ.
شۇنىڭدىن باشلاپ سوپىتاي مىجىت بىلەن بىللە كۈنىگە ئىككى - ئۈچ قېتىم كۆرۈشىدىغان بولدى.
<- ىپ، - ۇپ> بىلەن ئاياغلاشقان رەۋىشداشلار بىلەن قوشۇلۇپ ئىش - ھەرىكەتنىڭ تاماملىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
- نۇرۇم، چېيىڭنى ئىچىپ بولۇپ، ئالمىلارغا سۇ بارىدىغان ئېرىىقنى قېزىۋەتكىنە، - دېدى زورىخان نۇرغا.
ئىسىملىك خەۋەرگە ياندىشىپ كېلىپ <- دۇر> مەنىسىدە خەۋەر جۈملە باغلىغۇچىسى رولىدا كېلىدۇ.
- بۇ مېنىڭ ئېرىم، سوپىتاي بولىدۇ، - دەپ تونۇشتۇردى ھېلىقى ئايال.
چىقىش كېلىشتە تۈرلىنىپ كەلگەن ئىسىم بىلەن كېلىپ <دۇنياغا كەلمەك>، <تۇغۇلماق> مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.
ھارامدىن بولغان.
- بۇ كىشى خوتەندىن بولىدۇ، - دەپ تونۇشتۇردى مېنى ئۇ باشلىققا.
يۆنىلىش كېلىشتە تۈرلىنىپ كەلگەن ئىسىملار بىلەن سۈپەتداش فورمىسىدا باغلىنىپ كېلىپ <نىسبەتەن>، <قارىتا> مەنىسىدىكى تىركەلمە رولىدا كېلىدۇ.
بەزىدە يۈز بەرگەن كىچىككىنە ۋەقەلەرمۇ سېنىڭ تۇرمۇش ھادىسىلىرىگە بولغان كۆز قارىشىڭنى ۋە ھايات ئۈچۈن باسقان قەدەملىرىنىڭمۇ ئۆزگەرتىۋېتىشكە قادىر.
شەخس قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنگەن بىرىكمىنىڭ خەۋىرى بولۇپ كېلىپ <… دەپ ھېسابلانماق> مەنىسىدە كېلىدۇ.
ياماننىڭ ياخشىسى بولغۇچە، ياخشىنىڭ يامىنى بول (ماقال).
<… دەك … تەك> بىلەن كەلگەن سۈپەتداشلارغا قوشۇلۇپ كېلىپ، ئاشۇنداق ھالەتكە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
باي <ھىم> دەپ ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېگۈدەك بوپتۇ.
خەتتىكى ھەربىر سۆز ئۇنىڭ قۇلىقىدا جاراڭلىغاندەك بولدى.
<غىلى، قىلى …> بىلەن كەلگەن پېئىللارغا < - قا، - غا، - كە، - گە> بىلەن كەلگەن ئىسىمداشلارغا قوشۇلۇپ كېلىپ، ئىش - ھەرىكەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
بىر قولدا چاۋاك چالغىلى بولماس (ماقال).
كەينى تەرەپتىن ئۇ كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلگىلى بولمايتتى.
شەخسلەنگەن سۈپەتداش بىلەن بىللە كېلىپ سۈپەتداش بىلدۈرگەن ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا تىلەكداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
- بوپتۇ، دېگىنىڭىز بولسۇن، - دەپتۇ كەمبەغەل.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
خېمىر تۇرۇچ ياكى سودا سېلىپ چەيلەنگەن خېمىر بەلگىلىك مىقداردا ئېچىپ پېتىر ھالەتتىن كۆپتۈرۈلگەن ھالەتكە كەلمەك.
ئەتىگەن يۇغۇرۇپ قويغان خېمىرىم بۇ كەمگە بولدى.