Uyghur→ChineseMain Dictionary
غاجىغۇچىلار ئەترىتى
بىئولوگىيە
啮齿目
nièchǐmù
ئېمىتكۈچىلەر سىنىپىغا تەۋە. ئۇ ھەقىقىي ئېمىتكۈچىلەر كەنجى سىنىپىدىكى تۈرلىرى ئەڭ كۆپ، تارقىلىشى ئەڭ كەڭ بولغان بىر ئەترەت بولۇپ، پۈتۈن يەر شارىغا تارقالغان. ھەر خىل ئېكولوگىيىلىك مۇھىتتا ياشاشقا ماسلاشقان. قۇرۇقلۇقتا، دەرەخلەردە ياشايدىغانلىرى، يېرىم سۇدا ياشايدىغانلىرىمۇ بولىدۇ. بەدەن تىپى ئوتتۇرا - كىچىك. ئۈستۈنكى - ئاستىنقى چىشلىرى ئىككىدىن بولۇپ، پەقەت ئالدى تەرىپىلا ئېمال ماددىسى بىلەن قاپلانغان، چىش يىلتىزى يوق، چىشلىرى ئىسكىنا شەكىللىك، ئۆمۈر بويى ئۆسىدۇ. لېكىن دائىم نەرسىلەرنى غاجاش ئارقىلىق ئۇپرىتىپ تۇرىدۇ. شۇڭا شۇنداق ئاتالغان. قوزۇق چىشى يوق، شۇڭا كۈرەك چىشى بىلەن ئالدى ئېزىق چىشىنىڭ ئارىلىقىد چىش كاۋىكى دېيىلىدىغان بوشلۇق شەكىللەنگەن ئالدى ئېزىق چىشى 2/1 دىن ئاشمايدۇ، ئېزىق چىشى ئادتتە 3/3؛ چىش سانى قۇم چاشقىنى ئۇرۇقدىشىدىكىلەر (Heliophobius) نىڭ 28 تال بولغاندىن باشقا قالغانلىرىنىڭ 22 دىن ئاشمايدۇ. چايناش مۇسكۇلى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، قاتتىق نەرسىلەرنى مەسىلەن، ئۇرۇقنىڭ قاتتىق پوستى (ئۈچكلىرى) نى غاجاشقا ماسلاشقان. زور كۆپچىلىك تۈرلىرىنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى كۈچلۈك. ئاساسىي ئوزۇقى ئۆسۈملۈك، ئاز ساندىكىلىرى ئارىلاش ئوزۇقلىنىدۇ. نۇرغۇنلىغان تۈرلىرى يېزا ئىگىلىك ۋە ئورمانچىلىقنىڭ زىيانداشلىرى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، ئېتىز چاشقىنى، ئامبار چاشقىنى، قۇم چاشقىنى، توقال چاشقان قاتارلىقلار؛ كېسەل تارقاتقۇچىلىرىمۇ بار. مەسىلەن، ئالا خۇرجۇنلۇق چاشقان، كىچىك ئۆي چاشقىنى قاتارلىقلار؛ تېرىلىرى قىممەتلىك، تۈرلىرىمۇ خېلى كۆپ، مەسىلەن، دەريا قامىسى، ئونسداترا، تىيىن قاتارلىقلار. كىچىك چاشقان بىلەن دېڭىز چوشقىسى ئادەتتە تەتقىقات ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئەترەتتە ھازىر 35 ئائىلە، 351 ئۇرۇقداش ساقلىنىپ قالغان. ئىچىدىكى ئىقتىسادىي ئەھمىيىتى زورراقلىرى تىيىنلەر ئائىلىسى، ئۇچار چاشقان ئائىلىسى، ئامبار چاشقانلىرى ئائىلىسى، چاشقانلار ئائىلىسى، جەيرە ئائىلىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.