Uyghur→ChineseMain Dictionary
تارانتو
دۇنيادىكى شەھەرلەر
塔兰托
tǎ lán tuō
ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم سانائەت شەھىرى. ئۇ ئىئونىيە دېڭىزىنىڭ تارانتو قولتۇق بويىدىكى سالېنتىن يېرىم ئارىلى بىلەن ئۇ ئارالغا يېقىن بولغان بىر كىچىك ئارالغا جايلاشقان مۇھىم پورت شەھىرى. شەھەرنىڭ ئاھالىسى 240 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئۇ ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى. ئۇ ئۆزىنىڭ پولات - تۆمۈر سانائىتى بىلەن داڭلىق. بۇ جايدا ئىتالىيە بازىسى بار. ئۇ جايدىكى پولات - تۆمۈر زاۋۇتلىرى يىلىغا 10 مىليون توننا ئەتراپىدا پولات ئىشلەپ چىقىرالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كېمىسازلىق سانائىتىمۇ ئىتالىيە بويىچە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ ئىككى چوڭ سانائەت تارمىقىدىن باشقا ماشىنىسازلىق، كونسېرۋا، خىمىيە، توقۇمىچىلىق، سېمونت قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. ئۇ ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى مۇھىم پورت بولۇپ، پولات سانائىتىگە كېرەكلىك تۆمۈر رۇدىسى شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن، كوكىس ئا ق ش دىن ئېلىپ كېلىنىدۇ. شەھەردە دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە بازىلىرى، دۆلەتلىك مۇزېيخانا، قەدىمى ھەيكەلتىراشلىق بۇيۇملىرى، يۇمىلاق شەكىللىك ئۈستى ئوچۇق مەيدانلار، رىم دەۋرىدىن قالغان قەدىمىي خارابىلار ناھايىتى كۆپ.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
塔兰托〈意〉
tǎ lán tuō 〈yì 〉Dئۆسۈملۈك
塔兰多
tǎ lán duō