UyghurMain Dictionary
قاز
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
غاز.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
غاز: قازچىران - غاز باققۇچى؛ قازچىرانى - غاز باققۇچى؛ بىكار تەلەت، ھورۇن، ئويۇق قېپى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كىشىنى ئۆلتۈرىدىغان شىۋىرغان. « قاز بولدى _ شىۋىرغان چىقتى» دېگەن سۆز مۇشۇنىڭدىن ئېلىنغان. بۇ ، تاغلاردا ياز ۋە قىش كۈنلىرى، چۆل - جەزىلەردەقىش كۈنلىرى بولىدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
كەلدى ئەسىن ئەسنەيۈ
قازقا تۈگەل ئۈسنەيۈ
قىردى بوزۇن قاسنايۇ
قارا بۇلىت كۆكرەشۈر
غۇر - غۇر شامال قوزغالدى،
شىۋىرغانغا پۈتۈنلەي ئوخشايتتى؛
خەلق تىترىشىپ كەتتى،
قارا بۇلۇت گۈكىرىشەر.
شامال سوقتى، ئۇ شامال سوغۇقلىقىدىن شىۋىرغانغا ئوخشاپ كەتتى؛ كىشىلەر غال - غال تىترشتى، قارا بۇلۇتلار گۈركىرەشتى.
3 - 201
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
غاز.
3 - 204
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئافراسىياپنىڭ قىزىنىڭ ئېتى بولۇپ، « قازۋىن _ قازۋىن» شەھىرىنى ئۇ بىنا قىلغان. بۇ سۆزنىڭ ئەسلى « قاز ئوينى _ قاز ئويۇنى»دۇر، چۈنكى، ئۇ قىز شۇ يەردە تۇراتتى ۋە ئوينايتتى. شۇڭا بەزى تۈركلەر « قازۋىن _ قازۋىن» نى تۈرك ئېلىنىڭ چېگرىلىرىدىن بىرى ھېسابلايدۇ. « قۇم _ قۇم شەھىرىمۇ چېگرا ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، « قۇم _ قۇم» تۈركچەسۆزدۇر. ئافراسىياپنىڭقىزى بۇ يەردە دائىم ئوۋ قىلاتتى. بەزىلەر « مەرۋەش شاھىجان _ مەرۋەششاھىجان»شەھىرىنىمۇ تۈركچېگرىسىدىكى شەھەر ھېسابلايدۇ. چۈنكى، قىزنىڭ ئاتىسى « توڭا ئالپ ئەر _ توڭا ئالپ ئەر» ئەشۇ ئافراسىياپنىڭ ئۆزىدۇر. ئافاراسىياپ « تەمھۇرەس _ تەمھۇرەس» تىن ئۈچ يۈز يىل كېيىن « مەرۋ _ مەرۋ» شەھىرىنى بىنا قىلغان. بەزىلەر پۈتۈن « ماۋەرەئۇننەھر _ ماۋەرەئۇننەھر» نى تۈركئېلى دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇ « يەنكەند _ يەنكەنت» تىن باشلىنىدۇ. ئۇنىڭيەنە بىر ئېتى « دىز رۇيىن _ مىس شەھىرى» دۇر. ئۇنىڭ مۇستەملىكىگىگەقاراپ شۇنداق دېيىلگەن. بۇ « بۇخارا _ بۇخارا» غا يېقىن. بۇ يەردە ئافراسىياپنىڭ قىزى قازنىڭ ئېرى « سىياۋۇش _ سىياۋۇش» ئۆلتۈرۈلگەن. مەجۇسىيلەر ھەر يىلى بىر كۈن بۇ يەرگە كېلىپ « سىياۋۇش» ئۆلگەن جايدا يىغلىشىدۇ، قۇربانلىق قىلىپ، قېنىنى ئۇنىڭ قەۋرىسىگە ئېقىتىدۇ. بۇنداق قىلىش ئۇلارغا ئادەت بولۇپ قالغان. پۈتۈن « ماۋەرەرۇننەھر»، « يەنكەند» دىن شەرققىچە بولغان يەرلەرنى تۈرك شەھەرلىرى دىيىشىمىزنىڭ دەلىلى شۇكى، « سەمەرقەند _ سەمەرقەنت» « سەمىزكەند _ سەمىزكەنت» دەپ ئاتىلىدۇ. « شاش _شاش» « تاشكەند _ تاشكەنت» دېيىلىدۇ. شۇنىڭدەك، « ئۆزكەند _ ئۆزكەنت»، « تۈنكەند _ تۈنكەنت» دېگەن ناملارمۇ بار. بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېتى تۈركچە «شەھەر» مەنىسىدىكى « كەند_ كەنت» سۆزى قوشۇلۇپ ياسالغان. تۈركلەر بۇ شەھەرلەرنى بىنا قىلىپ ئۆزلىرى ئات قويغان. بۇ ئاتلار ھازىرغىچە قوللىنىلىۋاتىدۇ. بۇ يەرلەردە پارسلار كۆپەيگەندىن كېيىن، ئۇلار ئەجەم شەھەرلىرىگە ئوخشاپ قالغان. ھازىر پۈتۈن تۈرك ئېلىنىڭ چېگرىسى « ئابىسگۈن (كاسپى)» دېڭىزى بىلەن ئايلىنىپ، رۇم ئېلىدىن ۋە « ئۆزچەند _ ئۆزچەنت» تىن چىنغىچە سوزىلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى بەش مىڭ پەرسەخ، ئېنى ئۈچ مىڭ پەرسەخ، ھەممىسى سەككىز مىڭ پەرسەخدۇر.
قاز سۇۋى _ قاز سۈيى ئىلا _ ئىلى دەرياسىغا قويۇلىدىغان چوڭ بىر دەريانىڭ ئېتى. مۇنداق ئاتىلىشنىڭ سەۋەبى، ئافراسىياپنىڭ قىزى ئۇنىڭ بويىدا بىر شەھەر بىنا قىلغان. بۇ ئىسىم ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.
3 - 204
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ھەر قانداق سەرەخنىڭ قوۋزىقى، پوستى. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: قازىڭ قاسىڭا _ قېيىن قاتتىقلىقى بىلەن. (بۇ ماقال ئەسلىدە «قېيىن پوستى بىلەن» بولۇشى كېرەك ئىدى، بىز ئەرەپچىسىدىكى مەنىنى ئۆزگەرتمىدۇق.). بۇ يەردە «ز _ z» ھەرپى ئۆزىدىن ئاۋۋال كەلگەن سۆزدە ئۆز ھەسسىسىنى ئالغانلىقتىن، كېيىنكى سۆزدە «ز _ z» ھەرپىگە ئورۇن قالمىغان. (بۇ جۈملىنىڭ ئەرەپچىسىدە مۈجمەللىك بار. بىز بېسىم ئاتالاينىڭ تۈزىتىشى بويىچە تەرجىمە قىلدۇق.). «ز _ z» نىڭ «س _s »غا ئالمىشىشى ئەرەپچىدىمۇ بار.
3 - 206