UyghurMain Dictionary
تىللا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
ئالتۇن، زەر، ئالتۇن پۇل.
بالىغا تىللا بەرسەك. ئېلىپ يەيدىغىنى لەڭپۇڭ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
تىللىماق، تىللاش. ھاقارەت، ئاھانەت قىلماق.
تىللاش _ يولسىزلىقنىڭ ئىشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مېتال ئېلېمېنت، بەلگىسى Aurum( Au ) , قىزغۇچ سېرىق، پۇل ۋە قىممەتلىك زىننەت بۇيۇملىرى ياسىلىدىغان قىممەت باھالىق مېتال.
«ئالتۇن» ئەڭ ئومۇمىي. «زەر» ، «تىللا» ، ماقال - تەمسىل، تۇراقلىق بىرىكمىلەردە ئۇچرايدۇ. بۇلارنى بىر - بىرىگە ئالماشتۇرغىلى
دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ %64 ناھىيە - شەھەرلىرىدە ئالتۇن كانى بار ئىكەن. ئالتۇن يەردە ياتماس، ياخشىلىق يەردە قالماس. ئالتۇن بىلەن بېزىسەڭمۇ ئېشەك يەنىلا ئېشەك. ئاۋۋال بىلىۋېلىپ، كېيىن سۆزلىگىن، زەرنى تېپىپ ئاندىن خەجلەشنى بىلگىن. زەر قەدىرىنى زەگەر بىلىدۇ. تىللا، كۈمۈش چىقىسىمۇ تاشتىن ھەرقاچان، ھەر تاشتا ئالتۇن بولۇشى گۇمان.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
تىللا - پارس تىلىدا <ساپ ئالتۇن> دېگەن مەنىدە بولۇپ، ساپ ئالتۇندىن سوقۇلغان پۇل ياكى ئالتۇن تەڭگىنى كۆرسىتىدۇ. ياقۇپبەگ دەۋرىدە بىر تىللا 20 تەڭگىگە (كۈمۈش تەڭگىگە) باراۋەر بولغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ساپ ئالتۇندىن سوقۇلغان پۇل، ئالتۇن تەڭگە.
ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئالتۇن تەڭگە. ئەزىز، قەدىرلىك.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
ئالتۇن پۇل نامى