Chinese→UyghurMain Dictionary
普恩加来
دۇنيا تارىخى
پوئىنكارې
(1860 - 1934) فرانسىيە 3-جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى (1913 -1920). رورېندىكى بار - لې - دۇك شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدا يۇرتىنىڭ گېرمانىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. پارىژ 1882-يىلى ئادۋوكات بولغان. 1887-يىلى ئاۋام پالاتاغا كىرگەن. 1893-يىلىدىن باشلاپ مائارىپ مىنىستىرى، مالىيە مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1903-يىلى كېڭەش پالاتاسىغا كىرگەن. 1912-يىلى 1-ئايدىن 1913-يىلى 1-ئايغىچە زۇڭلى قوشۇمچە تاشقى ئشىلار مىنىستىرى بولۇپ، فرانسىيىنىڭ ھەربىي ھازرلىقىنى ۋە فرانسىيە - رۇسىيە، فرانسىيە - ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنى تىرىشىپ كۈچەيتكەن. 1913-يىلى زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىپ، ھۆكۈمەت سىياسىتىگە ۋە قانۇن تۈزۈش پائالىيتەتلىرىگە بىرقەدەر زور تەسىر كۆرسەتكەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا ئاكتىپ تەييارلىق كۆرگەن ۋە قاتناشقان. 1917-يىلى سىياسىي دۈشمىنى كېمېنتىئا ئۇنى مىنىستىرلار كابىنېتىنى تەشكىللەپ، ئۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىشقا تەيىنلىگەن. 1920-يىلى زۇڭتۇڭلۇق مۇددىتى توشۇپ، كېڭەش پالاتاسىغا قايتىپ كەلگەن. بىر مەزگىل ئۇرۇش چىقىمى تۆلەش كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 2192 - 1924 - يىللاردا <مىللىي ئىتىتپاق> ھۆكۈمىتىنى تەشكىللەپ، قايتىدىن زۇڭلى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان ۋە گېرمانىە تۆلەم پۇلىنى تۆلەش توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىدى، دېگەننى باھانە قىلىپ، فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ 1923-يىلى 1-ئايدا لورغا بېسىپ كىرىشىگە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. 1926-يىلى 7-ئايدا يەنە زۇڭلى قوشۇمچە مالىيە مىنىستىرى بولۇپ، پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنى ھەل قىلغان. 1929-يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ئىستېپا بەرگەن. <فرانسىيىگە خىزمەت قىلىش> دېگەن ئەسلىمىسى بار.