UyghurMain Dictionary
بېلگراد قان تۆكۈلمىگەن سىياسىي ئۆزگىرىشى
دۇنيا تارىخى
1941-يىلى يۇگوسلاۋىيىدىكى نېمىسپەرەس ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش سىياسىي ئۆزگىرىشى. 1941-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى يۇگوسلاۋىيىدىكى نېمىسپەرەس ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش سىياسىي ئۆزگىرىشى. 1941-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى يۇگوسلاۋىيە پادىشاھلىقى ھۆكۈمىتى زۇڭلىسى سۋېتكوۋىچ بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىنسار - ماركۇۋىچ ۋېنادا يۇگوسلاۋىيىنىڭ گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيىنىڭ <ئۈچ دۆلەت ئەھدىنامىسى> غا قاتنىشىش توغرىسىدىكى كېلىشىمنامىگە ئىمزا قويۇلغان. بۇ خەۋەر مەملىكەت ئىچىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە ۋەتەن ساتقۇچ ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇش ئاممىۋى ھەرىكىتى قوزغالغان. 26-، 27-كۈنلىرى يۇگوسلاۋىيىنىڭ گېرمانىيە تەرەپ بولۇپ ئۇرۇشقا قاتنىشىشىغا قارشى تۇرىدىغان ئوفىتسېرلار گۇرۇھى، مىللەتچىلەر پارتىيىسى ۋە ئاممىنىڭ قوللىشى بىلەن، بېلگرادتا سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ، سۋېتكوۋىچ ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، مۇۋەققەت خىزمەت ۋەزىپىسىنى بىكار قىلىپ، نېمىسپەرەس ئەمەلدارلارنى ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلىغان؛ پېتېر Ⅱ (1923 - 1970) نىڭ ياش - قۇرامىغا يەتكەنلىكى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغانلىقى جاكارلىنىپ، گېنېرال سىموۋىچ (1882 - 1962) باشچىلىقىدىكى يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىنغان. 3-ئاينىڭ 28-كۈنى يېڭى ھۆكۈمەت بارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئىناق قوشىندارچىلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلايدىغانلىقى ۋە ئۇرۇشتا بىتەرەپلىككە رىئايە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان