—Reference
سەيپىدىن ئەزىزى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
سەيپىدىن ئەزىزى دۆلىتىمىزنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، ئالىم، ئاتاقلىق يازغۇچى، شائىر، دراماتورگ. ئۇ 1915 - يىلى 3 - ئايدا ئاتۇشتا تۇغۇلغان. 1944 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان. ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە. ھازىر 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
ئۇ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدا، ئاتۇشتا دىنى مەكتەپتە ئوقۇغان. 1932 - يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دېھقانلار قوراللىق قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، جەڭچى، كاتىپ بولغان. 1934 - يىلى ئاتۇشتا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ۋە مۇدىر بولغان. 1935 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1937 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شىنجاڭغا قايتىپ، شېڭ شىسەي ئاچقان ئۈرۈمچى سىياسىي تەلىم - تەربىيە سىنىپىدا ئوقۇغان. 1938 - يىلىدىن 1943 - يىلىغىچە تارباغاتاي گېزىتخانىسىدا ئىشلىگەن. كۆچۈرگۈچى، كوررېكتور، مۇھەرىر، مەسئۇل مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. جاھانگىرلىككە قارشى ئۇيۇشمىغا قاتناشقان. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك جاھانگىرلىككە قارشى ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىلات سىكرىتارى بولغان.