UyghurMain Dictionary
ئۇرۇق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
نەسىل، ئۇرۇقداشلىق، قوۋم.
ئۇرۇق - ئايماق، ئۇرۇقداش، ئۇرۇقداشلىق، ئۇرۇق - تۇغقان، ئۇرۇق - جەمەت، ئۇرۇق پۇشتى. * ئۇرۇق - ئەجداد، ئۇرۇق - ئەۋلاد. * دۈشمەن بىزنىڭ ئۇرۇقىمىزنى قۇرۇتماقچى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
قاتار، شاھمات، دامكا ۋە خاڭقا ئوخشاش ئويۇنلارنىڭ پېچكىسى.
ئۇرۇقلارنى تىزماق. * ئۇرۇقلارنى ماڭماق. * ئۇرۇقنى يېمەك.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۇرۇقلا، نەسىللەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر ئاتا - بوۋىدىن تارقالغان.
ياخشى ئىستىلنى ئەۋلادتىن ئەۋلاتقا قالدۇرۇش كېرەك. ئەقىللىق بالا ئۆستۈرسەڭ، ئەۋلادىڭ ئابروي تاپار. جەمەت جەمەتكە تارتىدۇ. نەسلىنى قۇرۇتماق. ئۇرۇق مىللەتنىڭ دەسلەپكى شەكلى. ئەر تۇخۇمىنى يوقاتماس. يەتمىش پۇشتىنى كۆزىگە كۆرسەتمەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر ئەجدادتىن تارقالغان، قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان كىشىلەر توپى.
ياخشى قوۋم يامان ناخشا ئېيتماس. ئۆز ئېلىڭنىڭ بېشى بولساڭمۇ سايىدىكى تېشى بول. ئەلگە كىرگىن ئېلىڭچە، سۇغا كىرگىن بېلىڭچە. ئۆز ئۇرۇقىغا تارتمىغان ئۆزىنى ئورۇنسىز ياشىدىم دېسۇن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تېرىشقا تەييارلانغان زىرائەت، ئوت - چۆپ دېنى.
ئۇرۇقۇڭنى يېگۈچە، ئۆيۈڭنى يە. ئۇرۇقىغا قاراپ ئۈنۈمى. ئۆرەن چۈشكەن يېرىدە ئۈنەر.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئارغامچا.
1 - 90
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
ئۇرۇق پەقەت ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەردىلا بولىدىغان كۆپىيىش ئەزاسىدۇر. ئۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يېڭى ئىندىۋىدلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆسۈملۈك ھاياتىنىڭ ئەتىسى ئۈچۈن بېشارەت بېرىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدا ئۇرۇق شەكىللەندۈرەلەيدىغان ئۆسۈملۈكلەر200 مىڭ تۈردىن ئارتۇق بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ. ئۇرۇقلارنىڭ شەكلى خىلمۇخىل، تۈزۈلۈشىمۇ ئوخشاشمايدىغان بولغاچقا، ناھايىتى زور ئۇرۇقلار جەمەتىنى تەشكىل قىلغان.
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقى ئومۇمەن ئۇرۇق پوستى، تۆرەلمە ۋە تۆرەلمە سۈتىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەشكىل تاپقان. ئۇرۇق پوستى ئۇرۇقنىڭ »ساۋۇت«ى بولۇپ، ئۇرۇقنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. سويا پۇرچاق، باقىلىلەرنىڭ ئۇرۇق پوستى قېلىن ھەم پۇختا كېلىدۇ؛ شاپتۇل، خاسىڭلارنىڭ ئۇرۇق پوستى خۇددى قەغەزدەك نېپىز كېلىدۇ؛ كېۋەزنىڭ ئۇرۇق پوستىدا تېخى تۈك (پاختا) بولىدۇ.
تۆرەلمە ئۇرۇقنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى بولۇپ، ئۆسۈملۈكنىڭ دەسلەپكى شەكلى ھېسابلىنىدۇ. تۆرەلمە پەللە يوپۇرماققا تۇتىشىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، پەللە يوپۇرماق سانىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئۇرۇقلار (ئۆسۈملۈكلەر) جەمەتىنى تاق (بىر) پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر ۋە قوش (ئىككى) پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەردىن ئىبارەت ئىككى كىچىك جەمەتكە بۆلۈشكە بولىدۇ. شال، بۇغداي، كۆممىقوناق، باش پىياز قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئۇرۇقىدا پەقەت بىرلا پەللە يوپۇرماق بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەر تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر دېيىلىدۇ؛ پۇرچاق، كاۋا ۋە كېۋەز قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئۇرۇقىدا ئىككى پەللە يوپۇرماق بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەر قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر دېيىلىدۇ. تۆرەلمە سۈتى ئۇرۇقنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلارنى يىغىپ ساقلايدىغان ئورنى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، تۆرەلمە سۈتى يوق ئۇرۇقلار بولسا ئوزۇقلۇق ماددىلارنى پەللە يوپۇرماققا يىغىپ ساقلايدۇ. تۆرەلمە سۈتى تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار ئۆسۈملۈك تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. بۇغداي، شال قاتارلىقلارنىڭ ئۇرۇقى تەركىبىدە كراخمال مىقدارى كۆپرەك بولۇپ، 70% كە يېتىدۇ؛ سويا پۇرچاق ئۇرۇقىنىڭ پەللە يوپۇرمىقى تەركىبىدە ئاقسىل بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ؛ »دۇنيادىكى ماي شاھى« دەپ ئاتىلىدىغان ماي پالمىسى ئۇرۇقىنىڭ تەركىبىدە يېرىمىدىن كۆپرەك ماي بولىدۇ.
ئەڭ چوڭ ئۆسۈملۈك ئۇرۇقى كوكۇس پالمىسى دەرىخىنىڭ ئۇرۇقى بولۇپ، دىئامېتىرى20 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى10 −20 كىلوگرام كېلىدۇ. ئەڭ كىچىك ئۇرۇق چىپار ئوتنىڭ ئۇرۇقى بولۇپ، پەقەت مىكروسكوپ ئاستىدىلا ئاندىن ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ2 مىليون تال ئۇرۇقىنى بىرلەشتۈرگەندە ئاران1 گرام چىقىدۇ.
ئۇرۇق ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقىدىمۇ پەرق ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. بەزى ئۆسۈملۈك ئۇرۇقىنىڭ ئۆمرى ئالاھىدە ئۇزۇن بولىدۇ، مەسىلەن، قەدىمكى نېلۇپەر ئۇرۇقىنىڭ ئۆمرى نەچچە مىڭ يىل بولۇپ، ئۇرۇقلار جەمەتىدىكى »ئۆمۈر چولپىنى« ھېسابلىنىدۇ. كاۋچوك دەرىخى، سۆگەت ئۇرۇقىنىڭ ئۆمرى پەقەت نەچچە ھەپتىلا بولىدۇ. تېرىپ ئۆستۈرۈلىدىغان زور كۆپچىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقى پەقەت1 −2 يىللا ئۆمۈر كۆرىدۇ، ئەمما دانلىق زىرائەتلەرنىڭ بەزى ئۇرۇقلىرى5 ~10 يىلدىن كېيىن تېرىلسىمۇ يەنىلا ئۈنۈپ ئەي بولىدۇ.
پىشقان ھەم ھاياتىي كۈچكە ئىگە بەزى ئۇرۇقلار سۇ، ئوكسىگېن، تېمپېراتۇرا قاتارلىق شارائىتلار مۇۋاپىق بولغان ئەھۋالدىمۇ يەنىلا بىخلىنالمايدۇ، بۇنداق ھادىسە ئۇرۇقنىڭ ئۇخلىشى دېيىلىدۇ. كۆپ ساندىكى ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقىدا روشەن ھالدىكى ئۇخلاش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. زىرائەتلەرنىڭ ئۇرۇقىدا بولسا ئۇخلاش ھادىسىسى ئانچە روشەن بولمايدۇ. ئۇخلاش ھادىسىسى كۆرۈلگەن ئۇرۇقلار پەقەت ئۇخلاش دەۋرىدىن ئۆتكەندىن كېيىنلا ئاندىن بىخلىنالايدۇ. ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەر ئۇرۇقىنىڭ ئۇخلاش دەۋرىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى ئوخشاش بولمايدۇ.
بىئولوگىيە
ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەردە ئالاھىد بولىدىغان كۆپىيىش ئورگىنى، شۇنداقلا تۆرەلمە تۈگۈنى ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن ھاسىل بولىدىغان تۈزۈلۈش. ئۇ ئادەتتە تۆرەلمە، تۆرەلمە سۈتى، ئۇرۇق پوستى قاتارلىق ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. تۆرەلمە ئۇرۇقنىڭ ئاساسلىق قىسمى بولۇپ يېڭى بىر ئەۋلاد ئۆسۈملۈك تۈپىنىڭ ئىپتىدائىي مايسىسى، تۆرەلمە سۈتى تۆرەلمىنى ئوزۇقلاندۇرغۇچى توقۇلما. بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقى يېتىلىش ۋاقتىدا تۆرەلمە سۈتىدە ئوزۇقلۇق توپلىنىدۇ، بۇنداق ئۇرۇق تۆرەلمە سۈتلۈك ئۇرۇق دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، شال، بۇغداي، ئابدىمىلىك، قارا بۇغداي، ئەبنوس قاتارلىقلار. بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقى يېتىلىش جەريانىدا تۆرەلمە تۆرەلمە سۈتىنى پارچىلىۋېتىدىغانلىقتىن، يېتىلگەن ۋاقىتتا پەللە يوپۇرماق ئوزۇقلۇقنى زاپاس ساقلايدۇ، بۇخىل ئۇرۇق تۆرەلمە سۈتى بولمىغان ئۇرۇق دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، نوقۇت، قىچا، ئاپتاپپەرەس، كاۋا قاتارلىقلار. ئۇرۇق پوستى تۆرەلمە ۋە تۆرەلمە سۈتىنى سىرتىدىن ئوراپ تۇرىدىغان قوغدىغۇچى تۈزۈلۈشتىن ئىبارەت. يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقى ئۇرۇقداننىڭ يېتىلىشىدىن ھاسىل بولغان مېۋە ئىچىدە ساقلىنىدۇ. يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەردە ئۇرۇقدان بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۇرۇقى ئوچۇق تۇرىدۇ. ئۇرۇق يېتىلىپ بولغاندىن كېيىن ئانا تېنىدىن ئايرىلىپ مۇۋاپىق مۇھىتتا بىخلىنىپ مايسىغا ئايلىنىدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
كەندىر
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<بوت> ئوچۇق گۈللۈك ئۆسۈملۈكلەردە بولىدىغان كۆپىيىش ئورگىنىنىڭ بىرى. ئۇرۇقلىنىش جەريانىنى تاماملىغان تۆرەلمە تۈگۈنىنىڭ يېتىلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. ئادەتتە ئۇرۇق پوستى، تۆرەلمە ۋە تۆرەلمە سۈتى قاتارلىق ئۈچ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇرۇق بەلگىلىك شارائىت ئاستىدا بىخلىنىپ يېڭى ئۆسۈملۈك تېنىگە ئايلىنالايدۇ.
ئۇرۇق سالماق. ئۇرۇق چاچماق. ئۇرۇق تاللىماق.
<بىئول> جانلىقلار ئەرلىك جىنسىي بېزى ئىشلەپچىقىرىدىغان، جىنسىي ھۈجەيرىلەردىن ئىبارەت سۇيۇقلۇق؛ سپېرما، مەنىي.
بىر ئاتا - بوۋىدىن، بىر ئەجدادتىن كېلىپ چىققان كىشىلەر؛ ئەۋلاد، قېرىنداش.
- مەن ۋاڭ ئۇرۇقىدىن بولىمەن، - دېدى ئۇ كىشى.
<تارىخ> ئىپتىدائىي جامائەت تۈزۈمىدىكى ئۆزئارا قان - قېرىنداش بولغان كىشىلەردىن ئىبارەت دەسلەپكى ئاساسىي تەشكىلات، ئۇيۇشما، جامائە.
قەدىمكى ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىدە ھەربىر ئۇرۇقنىڭ ئۆزىگە خاس نامى بولغان. ئۇرۇقنىڭ نامى كۆپىنچە شۇ ئۇرۇق ئاقساقىلىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان.
بىر پۈتۈن قۇرۇلمىنى تەشكىل قىلغۇچى ئوخشاش چوڭلۇقتىكى قاتتىق نەرسىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھەربىرى.
تەسۋىي ئۇرۇقى. شاھمات ئۇرۇقى. دامكا ئۇرۇقى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
دانە، تۇخۇم، نەسىل - نەسەب.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1. ئۆسۈملۈكلەر دېنى، تېرىشقا مەخسۇس تەييارلانغان دان، ئۆرەن.
بۇغداي ئۇرۇقى، سەۋزە ئۇرۇقى، گۈل ئۇرۇقى، ئۇرۇقلۇق. * ئۇرۇق تاللىماق، ئۇرۇق چاچماق، ئۇرۇق يىغماق.
2. ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ مەنىيسى، سپىرمىسى. ئۇرۇقدان، ئۇرۇق بەزلىرى. * ئۇرۇق خالتىسى. * ئۇرۇقلىنىش، ئۇرقلاندۇرۇش.