Uyghur→ChineseMain Dictionary
پولشا كارىدورى
دۇنيا تارىخى
波兰走廊
bō lán zǒu láng
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى پولشادىن بالتىق دېڭىزىغا ئۆتىدىغان تار جاي كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ⅧⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرى پرۇسسىيە، ئاۋستىرىيە ۋە روسىيە قاتارلىقلار پولشانى بۆلۈشۈۋالغان، پروسسىيە گدانسىكنى يۇتۇۋالغان ھەمدە ئىسمىنى دانزىگقا ئۆزگەرتكەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، پولشا دۆلىتى ئەسلىگە كەلگەن، <ۋېرسال سۈلھ كېلىشىمى>گە ئاساسەن، گېرمانىيە ئىلگىرى پرۇسسىيە بېسىۋالغان پولشا رايونىنىڭ كۆپ قىسمىنى داۋاملىق ئىگىلەپ، پەقەت ئەسلى گېرمانىيىگە تەۋە شەرقىي پرۇسسىيە ۋە غەربىي پرۇسسىيە ئارىلىقىنى، يەنى ۋىسىلا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىن كەڭلىكى سەكسەن كىلومېتىر كېلىدىغان جاينى ئاجرىتىپ <پولشا كارىدورى> دەپ ئاتىغان ۋە پولشانىڭ بالتىق دېڭىزىغا چىقىش يولى قىلغان، شۇنىڭدەك دەريا ئېغىزىنىڭ ئەتراپىدىكى گدانسىك <گدانسىك ئەركىن شەھىرى> قىلىنىپ خەلقئارانىڭ ئورتاق باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن. شۇنىڭ بىلەن، گېرمانىيە تۇپرىقى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1939 - يىلى گىتلىر گدانسىك ۋە <كارىدور> نى قايتۇرۇۋېلىش باھانىسى بىلەن پولشاغا ھۇجۇم قىلىپ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغان. ئۇرۇشتىن كېيىن <پوتسىدام كېلىشىمى> گە ئاساسەن ئودېر دەرياسى، نىسې دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى رايونلار، جۈملىدىن گدانسىك شەھىرىمۇ پولشانىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن، شۇنىڭدىن باشلاپ <كارىدور> مەۋجۇت بولمىغان.