Chinese→UyghurMain Dictionary
朱古达战争
دۇنيا تارىخى
يۇگۇرتا ئۇرۇشى
رىم بىلەن نومىدىيە ئوتتۇرىسىدا بولغان ئۇرۇش. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردە نومىدىيە پادىشاھلىقى (شىمالىي ئافرىقا) رىمنىڭ بېقىندىسى بولۇپ قالغان. رىم قۇلدارلىرى، بولۇپمۇ رىتسارلار سىنىپى بۇ باي، مۇنبەت رايوننى كونترول قىلىشنى خېلى بۇرۇنلا كۆڭلىگە پۈككەن. مىلادىدىن 113 يىل ئىلگىرى نومىدىيىدە تەخت تالىشىش ماجىراسى يۈز بېرىپ، يۇگۇرتا (مىلادىدىن ئىلگىرى 104 - 160) رىملىقلار قوللىغان رەقىبىنى يەڭگەن ھەمدە مىلادىدىن 112 يىل ئىلگىرى سىرتانى ئىگىلىگەندە، سودىگەرچىلىك قىلىۋاتقان بىر تۈركۈم رىملىقلار ۋە ئىتالىيىلىكلەرنى ئۆلتۈرگەن. مىلادىدىن 111 يىل ئىلگىرى، رىم سېناتى يۇگۇرتا پادىشاھلىقىغا ئۇرۇش ئېلان قىلغان. رىم ئافرىقىغا ئەۋەتكەن سەركەردىلەر ئارقا - ئارقىدىن يۇگۇرتا تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغاچقا، ئۇرۇشتا كۈچ چىقارماي ئۇدا يېڭىلىۋەرگەن. بۇ ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن يۇگۇرتا گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن رىمغا كېلىپ، رىمدا يەنە مەلۇم ھۆكۈمراننى سېتىۋالغان، كېيىن يەنە ئۇرۇش قوزغىلىپ، رىملىقلار يەنىلا ئانچە ئالغا سىلجىيالمىغان. مىلادىدىن 107 يىل ئىلگىرى مارىئۇس كونسۇل بولۇپ، ئىككىنچى يىلى قول ئاستىدىكى سەركەردە سوللا بىلەن بىللە ئافرىقىغا يۈرۈش قىلغان. مىلادىدىن 105 يىل ئىلگىرى رىملىقلار ئاخىر ئۇرۇشتا يېڭىپ چىقىپ، يۇگۇرتانى ئەسىر ئېلىپ، رىمدا ئۆلتۈرگەن. نومىدىيە پارچىلىۋېتىلىپ، رىمغا تېخىمۇ بېقىنىدىغان بولغان.