UyghurMain Dictionary
پاخپاق
شىۋىلەر
زىرائەتلەرنىڭ قويۇق، ئۆسكىلەڭ، ئەمما دانسىز بولۇپ قېلىشى؛ قۇرۇق، پو. مەسىلەن: بۇغداي پاخپاق بولۇپ قاپتۇ؛ پاخپاق گەپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
تەرتىپسىز ئۆسۈپ كەتكەن، چۇۋۇق (چاچ، ساقال، يۇڭ ھەققىدە).
پاخپاق چاچ.
شاخ - يوپۇرماقلىرى تەرتىپسىز، كىرىشىپ بۈككىدە يانغا ئۆسكەن.
پاخپاق جىگدە.
جىڭغا ئولتۇرمايدىغان، جىڭ باسمايدىغان؛ ئىچى بوش؛ يەڭگىل؛ پۇچەك.
پاخپاق دان.
نېپىز، يېلىڭ.
پاخپاق كەمزۇل. پاخپاق چاپان.
كۆچمە. ۋەزنى يوق، قۇرۇق پو (گەپ - سۆزلەر ھەققىدە).
پاخپاق گەپ.