UyghurMain Dictionary
ئالاقىچى قىسىم
جۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملار
ئالاقىچى قىسىم جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي ئالاقە ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كەسپىي قىسىم تۈرى.
ئالاقە باغلاش − ئارمىيىنىڭ نېرۋا سىستېمىسى، ئۇرۇش قوماندانلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ ئاساسلىق ۋاسىتىسى. ئۇرۇشتا ئالاقە باغلاش راۋان بولمىسا، كوماندىر ۋە قوماندانلىق ئورگىنى قوشۇنغا قوماندانلىق قىلالمايدۇ، قىسىم بىلەن قىسىم، ھەرقايسى ئارمىيە، قىسىم تۈرلىرى زىچ ماسلىشالمايدۇ، دېمەك، جەڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشمۇ قىيىنغا توختايدۇ.
ئالاقىچى قىسىم ئالاقە، ئالاقە قۇرۇلۇشى، رادىئو ئالاقىسى ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىش، ئاۋىئاتسىيە قىسىملىرىغا يول باشلاش، ھەربىي پوچتا قاتارلىق كەسپىي قىسىم (شۆبە ئەترەت) لاردىن تەشكىللەنگەن. ئۇلارنىڭ ئالاقىلىشىش ۋاسىتىسى رادىئو ئالاقىسى، سىملىق رادىئو ئالاقىسى، يول ئۈستىدىكى ئالاقە ۋە ئاددىي سىگنال ئالاقىسى دەپ ئايرىلىدۇ.
رادىئو ئالاقىسى ئۇچۇر رادىئو ئېلېكترون دولقۇنى ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىغان بىر خىل ئالاقە بولۇپ، رادىئو ئىستانسىسى ئارقىلىق خەۋەرلىشىش، رادىئو خەۋەرلىرىنى ئۇلاپ ئاڭلىتىش، دولقۇن ئارقىلىق خەۋەرلىشىش، سۈنئىي ھەمراھ ئالاقىسى دەپ ئايرىلىدۇ. رادىئو ئىستانسىسى ئارقىلىق خەۋەرلىشىش ھازىرقى زامان ئۇرۇشىدىكى ئاساسلىق ئالاقە ۋاسىتىسى بولۇپ، قىسىم ھەرىكەتچان، ئۇرۇش ئۆزگىرىشچان ئەھۋالدا قوللىنىلىدىغان ئالاقە ۋاسىتىسى. بۇ خىل ئالاقىلىشىش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ جەڭ ھەرىكىتى داۋامىدا يۆنىلىشنى پەرقلەندۈرەلمىگەن، دۈشمەن تەرىپىدىن ئايرىۋېتىلگەن قىسىم (شۆبە ئەترەت) لار بىلەنمۇ ئالاقە ئورناتقىلى بولىدۇ. پاراخوت، ئايروپىلان، تانكا قاتناشتۇرۇلغان جەڭدە بۇ بىردىنبىر ئالاقىلىشىش ۋاسىتىسى ھېسابلىنىدۇ.
سىملىق رادىئو ئالاقىسى ئۆتكۈزگۈچ سىم ئارقىلىق ئۇچۇر يەتكۈزۈلىدىغان بىر خىل ئالاقىلىشىش ۋاسىتىسى، ئۇ دالا ئۇرۇش لىنىيىسى ئالاقىسى، ئوچۇق سىملىق ئالاقە ۋە يەر ئاستى كابېلى ئالاقىسى دەپ ئايرىلىدۇ. ئۇ ھازىرقى زامان ئۇرۇشىدىكى مۇھىم ئالاقە ۋاسىتىسى ھېسابلىنىدۇ.
يول ئۈستىدىكى ئالاقە سىۋەز (ئالاقىچى) پىيادە مېڭىۋېتىپ ياكى ئات، ئاپتوموبىل، ئايروپىلان، پاراخوت قاتارلىق قاتناش قوراللىرى بىلەن كېتىۋېتىپ ھۆججەت ئارقىلىق ياكى ئاغزاكى يەتكۈزىدىغان ئالاقە بولۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆزگەرتىش، ھەربىي يۈرۈش قىلىش، قونۇش پەيتلىرىدە قوللىنىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ، بۇ خىل ئالاقە يەنە قوماندانلىق ئورگانلىرىدا، باتاليون دەرىجىلىكتىن تۆۋەن شۆبە ئەترەتلەردە قوللىنىلىدۇ.
سىگنال ئارقىلىق ئاددىي ئۇسۇلدا ئالاقە باغلاش ئاڭلاش ۋە كۆرۈش سېزىمىدىن پايدىلىنىپ ئاددىي ئالاقىلىشىش قوراللىرى ۋە باشقا ئاددىي ئۇسۇللار ئارقىلىق ئالاقىلىشىدىغان بىر خىل ئالاقىلىشىش ۋاسىتىسى.