—Reference
مالىنا
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق يوپۇرماق تاشلايدىغان، مالىناغا ئۇرۇقداش چاتقال
بولۇپ، ئېگىزلىكى 5.0 - 1 مېتىر كېلىدۇ. شاخلىرى كۆپ، پۈتۈن تېنىدە زىچ ئۇششاق تىكەنلىرى بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، سېپى
ئۇزۇن، ئۈچ قۇلاقلىق مۇرەككەپ يوپۇرماق، ئۇچىدىكى كىچىك يوپۇرمىقى چوڭراق، گىرۋىكى رەتسىز قوش ھەرە چىشىسىمان، يوپۇرماق يۈزى
يېشىل، دۈمبىسى ئاقۇچ كۈل رەڭ بولىدۇ؛ گۈلى ئاق، بىر تال ياكى بىرنەچچە تال بولۇپ، ئۇچىدا ياكى قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ، مېۋىسى توپ
شىرىلىك مېۋە بولۇپ، رەڭگى قىزىل، شەكلى دۈگىلەكرەك، ئۇرۇقى كۆپ بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسىنى ئالتىنچى، سەككىزىنچى ئايلاردا مېۋىسى پىشقاندا
ئۈزۈۋېلىپ، قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ، ئازراق تۇرغۇزۇپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ؛ يىلتىزىنى كولىۋېلىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل
ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەڭرىتاغ، ئالتاي تاغلىق جايلىرىدىكى ئوتلاق ۋە
چاتقاللىقلاردا ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، مەنىي تۇتۇش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، سۈيدۈك قېتىم سانىنى ئازايتىش
خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ ئۇرۇقى 6 ~ 12 گرام، يىلتىزى 15 ~ 30 گرام ئەتراپىدا
ئىشلىتىلىدۇ.
20 گرام مالىنىنى 20 گرام كەتىرا، 12 گرام قانتېپەر، 10 گرام ياچىۋەك تۇخۇمى، 21 گرام بۇغا مۈڭگۈز قالدۇقى، 20 گرام لوڭگۇ بىلەن بىللە
قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ياشانغانلاردىكى بەدەن ئاجىزلىق ۋە كۆپ سىيىشكە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى مالىنىنى تەڭ مىقداردىكى ياچىۋەك تۇخۇمى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىلاردىكى كۆپ سىيىشكە
مەنپەئەت قىلىدۇ.
مالىنا، ياچىۋەك تۇخۇمى ۋە نېلۇپەر ئاتىلىقىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئەرلەردىكى جىنسىي ئاجىزلىق ۋە كۆپ
ئېھتىلام بولۇشقا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام مالىنا يىلتىزىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، جىگەر ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.