Chinese→UyghurMain Dictionary
希拉克略
تارىخ
xī lā kè luè
ھىرارچ
دۇنيا تارىخى
ھېراكلىئۇس
(تەخمىنەن 575 - 641) كىچىك ھېراكلىئۇس دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ۋېزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (610 - 164) ئافرىقا ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ھېراكلىئۇسنىڭ (تەخمىنەن 586 - 610 - يىللىرى تەختتە بولغان) ئوغلى. مىلادى 609 - يىلى ئۇنىڭ ئاتىسى سېناتۇرلار، چوڭ يەر ئىگىلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ئەسكەر تارتىپ ئىمپېراتور فوكاسقا قارشى چىققان. 610 - يىلى فوكاس ئۆلتۈرۈلۈپ كىچىك ھېراكلىئۇس تەختكە چىققان. ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان دەسلەپكى يىللىرى ئىمپېرىيە شىمال تەرەپتىن ئاۋرلار ۋە سلاۋىيانلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان؛ شەرقىي قىسىمدىن پارسلار 611 - 619 - يىللىرى سۈرىيە، پەلەستىن ۋە مىسىرنى بېسىۋالغان. كېيىن چېركاۋنىڭ قوللىشى بىلەن، قوشۇننى تەرتىپكە سېلىپ، 626 - يىلى ئاۋارلارنى مەغلۇپ قىلغان؛ 627 - يلى نىنېۋىيە خارابىسى ئەتراپىدا پېرسىيە پادىشاھى خىسراۋ Ⅱ نى مەغلۇپ قىلىپ، ئىمپېرىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى قولدىن كەتكەن زېمىنىنى قايتۇرۇۋالغان. بىراق ئەرەب ئىمپېرىيىسى باش كۆتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، پەلەستىن، سۈرىيە، مېسوپوتامىيە ۋە مىسىر قاتارلىق جايلارنى 634 - 641 - يىللىرى ئارىلىقىدا ئەرەبلەر قايتا بېسىۋالغان.