UyghurMain Dictionary
قۇر
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
كۈل ئاستىدا تۇرغان چوغ.
ئوتنى ئۆچۈرۈپ، قۇرىنى قويۇش ئەقىلدىن ئەمەس.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
توخۇ ئائىلىسىگە كىرىدىغان ئورماندا ياشايدىغان بىر خىل قۇش.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
يۇڭدىن ياپىلاق توقۇلغان ئارقان.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
قۇرماق، قۇرۇش. 1 . تەشكىلى قىلماق، تەسس قىلماق.
ئۇيغۇر تىل جەمئىيىتى قۇرماقچىمىز. * زاۋۇتنى كېڭەيتىپ قۇرماقچىمىز.
2 . تەمىر قىلماق، گۈللەندۈرمەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرىمىز.
3 . ئۆي - ئائىلە قۇرماق. تۇرمۇش قۇرماق.
4 . سالماق، ياسىماق. زاۋۇت قۇرماق، مەكتەپ قۇرماق. * قۇش ئۆز ئۇۋىسىنى ئۆزى قۇرىدۇ (ماقال) .
5 . قۇراشتۇرماق. كارىۋات قۇرماق. * پىلىموت قۇرماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
مىقدار سۆز.
1 . يېزىلغان ، بېسىلمان خەتنىڭ قەغەزدىكى بىر يولى.
تۆت قۇر خەت. * قۇر بېشى.
2 . شېئىرنىڭ ھەربىر مىسراسى. تۆت قۇر شېئىر.
3 .قاتار، يۈرۈش. بىر قۇر ئۆيلەر.
4 . قېتىم، نۆۋەت. بۇ كىتابنى بىر قۇر ئوقۇپ چىقتىم.
5 . يۈرۈش، پار، تو. بىر قۇر كىيىم ئالساق بولار.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىملىق.
يىلقىلارنى چاقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، تەكرارلىنىپمۇ كېلىدۇ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
مەرتىۋە، ئورۇن؛ بولباغ، پوتا: ئانىڭ قۇرى ئۇلۇغ - ئۇنىڭ مەرتىۋىسى چوڭ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قورال، ئوق دورىسى؛ ياراق - جابدۇق: قۇرخانە - قورال ئامبىرى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يېزىقتا ماقالە ۋە ئەسەرلەرنىڭ ھەربىر ئابزاسى باشلانغان قۇر.
باش قۇردىن باشلا. يېڭى يولدىن يېزىلغان جۈملە. قۇربېشى بىر ئابزاسنىڭ باشلىنىدىغان يېرى بولۇپ، ئابزاس خاس مەزمۇنغا ئىگە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مىقدار سۆز: ھەرىكەتنىڭ بىرلىكلىرى.
رەت ئورنىنى تاپىدۇ. ئەقىللىق ئادەم بىر تاشقا ئىككى قېتىم پۇتلاشمايدۇ. مەرتەم، مەرتەم _ ئۈچ مەرتەم. كۆپ ئىش قىلىشنىڭ يولى _ ھەر سەپەردە بىرلا ئىشنى قىلىش. ھەر قانداق كىتابنى بىر قۇر ئوقۇپ باقماق زىيانلىق ئەمەس. نەچچە نۆۋەت مەغلۇپ بولساڭمۇ، ئىشىڭ ھەق بولسا ئۇتىسەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۈكى قاپقارا ياكى ئالا - بۇلا كۆچمەنچى قۇش.
«زاغ» خوتەن دىئالېكتدا، «قۇز» قەشقەر شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
قاغا قاغىنىڭ كۆزىنى چوقۇماس. قاغا بالام ئاپئاق، كىرپە بالام يۇمشاق. قاغىلار قاق ئېتىدۇ، ئۆز كۆڭلىنى خۇش ئېتىدۇ. قاغا پۇتى خەت. ئەجىلى يەتكەن قۇزغۇن قارچىغا بىلەن ئوينىشار. قاغا - قۇزغۇنغا يەم بولماق. تاۋۇش بىلەن ئۇسسۇل ئوينىغاندا زاغ، كەكلىك قەھقەسىدىن ياڭراپ كەتتى باغ. سېخىينىڭ بېغىغا قۇز قونماس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شېئىر - قوشاقلار ۋە ئومۇمەن كىتاب، ژۇرنال، گېزىت، خەت - چەكلەرنىڭ خېتىنىڭ قەغەز ئۈستىدىكى بىر قاتارى.
<مىسرا> كۆپرەك شېئىرلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئارزۇ ۋەزنىدە ئىككى مىسرالىق شېئىر <مەسنەۋى>، ئۈچ مىسرالىقى <مۇسەللەس>، تۆت مىسرالىقى <مۇرەببە>، بەش مىسرالىقى <مۇخەممەس>، ئالتە مىسرالىقى <مۇسەددەس>، يەتتە مىسرالىقى <مۇسەببە>، سەككىز مىسرالىقى <مۇسەممەن>، توققۇز مىسرالىقى <مۇتەسسە> دېيىلىدۇ. كىتابنىڭ يۇقىرىدىن سانىغاندا ئالتىنچى قۇرىدا بىر ئىملا خاتالىقى بار ئىكەن.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قۇر، مەرتىۋە.
مەنىڭ قۇرىم ئۇلۇغ _ مېنىڭ مەرتىۋەم ئۇلۇغ (يۇقىرى).
1 - 424
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قۇر، بەلۋاغ.
ئىچ قۇر _ ئىشتانباغ، بوقۇچ.
1 - 425
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
جەسۇر.
قۇر ئەر _ جەسۇر ئادەم. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: كىم كۈر بولسا كۆۋەز بولۇر _ كىم جەسۇر بولسا، شۇ مەغرۇر بولىدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئەرتىش سۇۋى يېمەكى
سىتغاپ تۇتار بىلەكى
كۈرمەت ئانىڭ يۈرەكى
كەلگەلىمەت ئىركىشۈر
«ئېرتىش سۈيى (بويىدىكى) يەمەكلەر،
بىلەكلىرىنى شىمايلايدۇ،
(ئۇلار) يۈرەكلىرىنى قاپتەك قىلىشىپ،
(بىزگە) كەلگىلى توپلىنىشماقتا»
يەمەك _ قىپچاقلارنىڭ بىر ئايمىقى. شېئىردا مۇنداق دېيىلگەن: ئۇلار بىلەكلىرىنى چىڭ تۈرۈپ، قاتتىق غەزەپ بىلەن بىزنىڭ ئۈستىمىزگە بېسىپ كېلىشكە توپلانماقتا.
1 - 425
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قۇرۇق.
بۇ سۆز « قۇرۇغ» نىڭ قىسقارتىلىپ ئېيتىلىشى. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: قۇلان قۇدۇغقا تۈشسە قۇرباقا ئايغىر بولۇر _ قۇلان قۇدۇققا چۈشسە، پاقا ئايغىر بولۇر. بۇ ئەرەپلەرنىڭ «» دېگىنىگەئوخشاش.
ئوغۇزچە.
3 - 168
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
رەت، قاتار
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. يېسسى قىلىپ ئېشىلگەن؛ يېسسى ياپىلاق.
قۇر ئارغامچا، قۇر بەلۋاغ.
ئى. يېسسى قىلىپ ئېشىلگەن يۇڭ ئارغامچا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. قەغەز يۈزىگە چۈشۈرۈلگەن خەتنىڭ ھەربىر رەت تەرتىپى.
بەتنىڭ قۇرى.
ئى. يەرگە تېرىلغان، تىكىلگەن ئۆسۈملۈكنىڭ ھەربىر قاتارى، رېتى.
كېۋەزنىڭ قۇرى.
مىق (<بىر> سۆزى بىلەن كېلىپ) قېتىم، نۆۋەت، مەرتىۋە.
بىر قۇر ئايلانماق.
مىق. يۈرۈش، پار (كىيىم - كېچەك ھەققىدە).
بىر قۇر يېڭى كىيىم.
مىق. قۇرى بار نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ.
بۇ كىتابنىڭ بىر بېتىگە 30 قۇر خەت پاتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
توخۇ ئائىلىسىدىكى ئورماندا ياشايدىغان، ئوۋ قىلىنىدىغان بىر خىل قۇش.