Chinese→UyghurMain Dictionary
独立工党
دۇنيا تارىخى
مۇستەقىل لىبورىستلار پارتىيىسى
ئەنگلىيىنىڭ سىياسىي پارتىيىسى. 1893-يىلى 1-ئايدا قۇرۇلغان. رەھبىرى خاردى. ئەينى ۋاقىتتا ئىشچىلار ھەرىكىتى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن ئەھۋال ئاستىدا مەزكۇر پارتىيىنىڭ پروگراممىسىدا ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ئومۇمىنىڭ بولۇش سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە بالا ئىشچىلارنى ئىشقا ئېلىشنى مەنئىي قىلىشنى يولغا قويۇش قاتارلىق مەسىلىلەر تەشەببۇس قىلىنغان. لامكىن فابىئان جەمئىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، پارلامېنت ئارقىلىق ئاستا - ئاستا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش يولى بىلەن مەقسىتىگە يېتىشكە ئۇرۇنغان، كېيىن كوللېكتىپ ھالدا لببورىستلار پارتىيىسىگە كىرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۇنىڭ رەھبەرلىرى سوتسىيال شوۋېنىزملىق مەيداندا چىڭ تۇرغان. 1932-يىلى لېبورىستلار پارتىيىسىدىن چېكىنىپ چىققان. 1947-يىلى كۆپلىگەن ئەزالىرى يەنە لېبورىستلار پارتىيىسىگە كىرگەن.