Chinese→UyghurMain Dictionary
坂下门外之变
دۇنيا تارىخى
ساكاگىي قوۋۇقى ئۆزگىرىشى
ياپونىيە توكوگاۋا شوگونلۇقنىڭ ئاخىرلىرىدا يۈز بەرگەن پادىشاھنى ھۆرمەتلەپ، ئەجنەبىيلەرنى قوغلاپ چىقىرىش تەرەپدارلىرى جەڭچىلىرىنىڭ ئوتتۇرانچى ئاقساقال ئانتۆ نوبۇماساغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى. چوڭ ئاقساقال ئىئى نائوسوكى ئۆلگەندىن كېيىن ئوتتۇرانچى ئاقساقال ئانتۆنوبۇماسا (1820 - 1871) شوگنات بىلەن ئوردىنى بىرلەشتۈرۈش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، تېننو تاكامېينىڭ سىڭلىسى كازۇنومىيانى سىياگون توكۇگاۋا ئېموچىغا ياتلىق قىلىشنى پىلانلاپ، پادىشاھنى ھۆرمەتلەپ، ئەجنەبىيلەرنى قوغلاپ چىقىرىش تەرەپدارلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. 1862 - يىلى 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى (فۇمىنسانىڭ 2 - يىلى 15 - يانۋار) ئۆخاشى توتىسۇياننىڭ رەھبەرلىكىدە، خراياما خيۆسۇكى قاتارلىق ئالتە نەپەر جەڭچى ئېدو شەھىرى ساكاگىي قوۋۇقىدا ئانتۆنى زەخمىلەندۈرگەن. بۇ ۋەقەگە بىۋاستە قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممسى نەق مەيداندا ئۆلتۈرۈلگەن، ئانتۆمۇ ئۇزۇن ئۆتمەي ئىستېپا بېرىشكە مەجبور بولغان. شۇنىڭدىن باشلاپ شوگونلۇق بىلەن ئوردىنىڭ بىرلىشىشىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار چۈشكۈنلىشىشكە باشلاپ، پادىشاھنى ھۆرمەتلەپ، ئەجنەبىيلەرنى قوغلاپ چىقىرىش ھەرىكىتى تېزلىك بىلەن راۋاجلانغان.