Chinese→UyghurMain Dictionary
公敌宣告
دۇنيا تارىخى
ئورتاق دۈشمەن توغرىسىدىكى پەرمان
مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىپ، كاللىسىنى ئېلىش پەرمانىمۇ دېيىلىدۇ. قەدىمكى رىمنىڭ <ئىچكى ئۇرۇش> مەزگىلىدە (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰ ئەسىردە) ھۆكۈمران گۇرۇھلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بىر خىل كۈرەش ۋاسىتىسى. لاتىنچە Proscribere (پېئىل بولغاندا) دېگەن سۆز بولۇپ، مەنىسى <ئوچۇق پەرمان> دېگەنلىك. يەنى، مەلۇم ئادەمنىڭ قانۇن تەرىپىدىن قوغدالمايدىغانلىقىنى ئوچۇق جاكارلاش، دېگەنلىك. ئەسلىدە Proscriptio (ئىسىم بولغاندا) دېگەن سۆز <قارا تىزىملىك> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. قارا تىزىملىكتىكى كىشىلەرنى (جۈملىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى) ھەرقانداق كىشى (ھەتتا قۇللارمۇ) ئۆلتۈرۈۋەتسە قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلماسلىق ھوقۇقى بولىدۇ ھەمدە مۇكاپاتقا ۋە ئۆلگۈچىنىڭ بىر قىسىم مال دۇنياسىغا ئىگە بولىدۇ. ئۆلتۈرگۈچى قۇل بولسا ئازادلىققا ئېرىشىۇ. ئۆلگۈچىنىڭ كاللىسى مەيدانغا ئېسىلىپ سازايى قىلىنىدۇ. مەسىلەن: مىلادىدن 82 يىل ئىلگىرى مۇستەبىت سوللارنىڭ بىر قېتىملىق ئورتاق دۈشمەن توغرىسىدىكى پەرمانى بولىدۇ 90 نەپەر سېنات ئەزاسى، 15 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار، 2600 نەپەر رىتسار ئۆلتۈرۈلگەن ۋە سۈرگۈن قىلىنغان. كائېسار سۈيىقەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن (مىلادىدىن 44 يىل ئىلگىرى) ئانتونىئوس ۋە ئاۋگوستوس ئېلان قىلغان ئورتاق دۈشمەن توغرىسىدىكى پەرمان داۋامىدا، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مال - مۈلۈكنى كۆزلەيدىغان ياكى شەخسىي ئىنتىقام ئالىدىغان ئەھۋاللار ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ غېمىدا قېلىپ، جەمئىيەت قالايمىقانلىشىپ كەتكەن. رىملىق تارىخشۇناس ئاپپىيانۇس بۇنى <ئىچكى ئۇرۇش> دەپ ئاتىغان. مەنىسى <گراژدانلار ئۇرۇشى> دېگەنلىك. ئورتاق دۈشمەن توغرىسىدىكى پەرمان بولسا، ئۇنىڭ بىر خىل ئىپادىلىنىش شەكلىدىن ئىبارەت.
Rate this entry