UyghurMain Dictionary
چىقىش
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىمداش
چىقىشماق، چىقىشىش. 1. ئەپ بولماق، ياراشماق.
چىقىشماق.* قوشناڭ بىلەن چىقىشتىن، يا كۆچۈپ چىققىن ( ماقال ).* تۆردىكى بىلەن چىقىشقىچە، پەگادىكى بىلەن چىقىش ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
« چىق » پېئىلنىڭ ئىسىمدىشى .
چىقىش ئىشىكى.* چىقىشىڭنى كىرشىڭ بىلەن ئۆلچە ( ماقال ).* چىقىش ئاسان، چۈشۈش تەس ( ماقال ).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دىرىدىن ئاشقان دارامەت؛ ئېرىشكەن ياخشىلىق.
خەلقىمغە پايدام تەگمىسە قايسى كۈنى، ئۆمرۇم ھېسانىغا قوشالمايمەن ئۇنى. ئەقىلسىز بازارغا باغۇچە، ئەقىللىق پايدا ئاپتۇ. ئۆتۈكۈڭ تار بولسا جاھاننىڭ كەڭلىكىدىن نېمە پايدا، خوتۇنۇڭ بېشەم بولسا، ئالەمنىڭ تىنىچلىقىدىن نېمە پايدا. كەمبەغەلنىڭ ھايىنى يوق، تاپقان پۇلىنىڭ تايىنى. قوي باقىدىغان ئىتلار تالاشسا، بۆرە ئارىدىن نەپ ئالار. بېيىۋالغان تىلەمچى، بىچارىگە نەپ بەرمەس. ئومۇمنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئادەم ئۆلمەيدۇ. نېمە، چىقىش قىلمىدىمۇ؟ چېقىمچىلىقتىن ھېچ تاپاۋەت تاپالمايسەن. دوستقا ئاداۋەت _ دۈشمەنگە تاپاۋەت.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
چىقىش، پايدا، مەنپەئەت.
ئول ئىشتا چىقىش يوق _ ئۇ ئىشتا پايدا يوق، بۇ ئىش چىقىش قىلمىدى.
1 - 477
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<چىقماق> پېئىلىنىڭ يەنە بىر خىل ئىسىمدىشى.
چىقىش ئىشىكى. چىقىش كېلىش.