UyghurMain Dictionary
دىققەتنىڭ كەڭلىكى
پسىخولوگىيە
(دىققەتنىڭ دائىرىسى) بۇ بىر ۋاقىت ئىچىدە ئېنىق دىققەت قىلالىغان ئوبيېكت سانىدىن ئىبارەت. ئۇ كىشى دىققىتى پەزىلىتىنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى. پسىخولوگىيە ئەڭ بالدۇر ئېكسپېرمىنتال تەجرىبە ئىشلەپ تەتقىق قىلغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى دىققەتنىڭ كەڭلىكى. ئۇ بىر تەرەپتىن، كىشىنىڭ دىققەت قابىلىيىتىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن : كىشىنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىدىكى دىققەت دائىرىسىنىڭ مەخسۇس ئاپپارات - ئاخىستوسكوپ بىلەن تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىغا قارىغاندا، ئادەتتە كىشىلەر ھەر خىل نەرسىلەدىن 1/10 سېكۇنت ئىچىدە 4 - 6 غىچە نەرسىگە دىققەت قىلالايدىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، دىققەتنىڭ كەڭلىكى دىققەت ئوبيېكتىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن كىشىنىڭ دىققەت قىلىشى ۋەزىپىسى ۋە بىلىم تەجرىبىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. مەسىلەن : دىققەتنىڭ ئوبيېكتى قانچە يىغىنچاق، رەتلىك، ئۆز ئارا باغلىنىشى بىر پۈتۈنلەشكەن بولسا، كىشىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بىلىم، تەجرىبىسى قانچە مول بولسا، ئۇنىڭ كەڭلىكىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. دىققەتنىڭ كەڭلىكى كىشىنىڭ مۇئەييەن ۋاقىت ئىچىدە قانچىلىك جىق نەرسىگە دىققەت قىلىش قابىلىيىتىنى ئىپادىلەيدۇ.