UyghurMain Dictionary
خا دېچىڭ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1888 - 1943)جۇڭگودىكى ئاخۇن، شەنشى نەنجىڭلىق، خۇيزۇ. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى مەككىگە بېرىپ ھەق تاۋاپ قىلدى. مىسىردا كۆپ يىل بىلىم تەھسىل قىلدى. 1924 - يىلى جۇڭگوغا قايتىپ كېلىپ، 1925 - يىلى شاڭخەينىڭ جېجاڭ كوچىسىدىكى مەسچىتكە ئىمام بولۇپ، ماگاڭخۇ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ئىسلام دىنى ئىلمىي جەمئىيىتىنى قۇردى ھەمدە جەمئىيەتنىڭ ئايلىق ژۇرنىلى - <يۆباۋ> نى چىقىرىپ، ئىسلام ئەقىدىسىنى تەرغىب قىلدى. ئاندىن كېيىن <قۇرئان كەرىم> نى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىشقا رىياسەتچىلىك قىلىپ، تەرجىمە قىلىنغان ئۈچ پارىنى ژۇرنالغا باستى. 1928 - يىلى شاڭخەيدە <ئىسلام دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى> قۇرۇشقا قاتنىشىپ، مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرى بولدى. ياپونلار شاڭخەينى بېسىۋالغاندىن كېيىن، چۇڭچىڭ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ماجەن قاتارلىق كىشىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ <قۇرئان كەرىم> نى تەرجىمە قىلىشقا ۋە ئىسلام مەدەنىيەت ئىشلىرىغا كىرىشىپ كەتتى. ۋاڭ جىڭزەي، داپۇشىڭ، ماسۇڭتىڭ بىلەن بىر قاتاردا جۇڭگودىكى <تۆت چوڭ ئاخۇن> دەپ ئاتالدى. يۈننەندىكى شادەندە ئالەمدىن ئۆتتى.