UyghurMain Dictionary
ئايرىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
نەرسىلەرنى پۈتۈندىن ئاجراتماق. ئاجرىتىپ ئالماق. تەركىبىي قىسىملارغا بۆلمەك، بۆلەكلىمەك.
تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى ئېقىدىن ئايرىماق.
تۈرىگە، خىلىغا قاراپ بۆلمەك.
مەركە ئىگىسى مېھمانلارنىڭ سالاھىيىتىگە قاراپ ئۈچ بۆلەككە ئايرىپ كۈتۈۋالدى.
يىراقلاشتۇرماق، ئۇنتۇلدۇرماق؛ تاندۇرماق.
بالىنى ئەمچەكتىن ئايرىماق.
مەھرۇم قىلماق. جۇدا قىلماق.
ئەس - ھوشىدىن ئايرىماق.
پەرقلەندۈرمەك، ئەكس ئەتتۈرمەك؛ تونۇماق.
ئاۋازىنى ئايرىماق.
ئاجرىتىپ قويماق، ئارىغا چۈشۈپ ياكى كۈچ بىلەن ئاجراتماق.
جېدەلنى ئايرىماق.
<مات> ئايرىش ئەمىلىنى بېجىرمەك، بىر ساندىن ئىككى ساننى ئالماق.