Lughet
DictionaryChinese塞人
ChineseUyghurMain Dictionary

塞人

دىن sāi rén ساكلار دۇنيا تارىخى ساكلار (<塞种人> دەپمۇ ئاتىلىدۇ - ت)، قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقى شىمالىدىكى كۆچمەن قەبىلە. ھىندى - ياۋرۇپا تىلسېستىمىنىڭ شەرقىي ئىران تىل تۈركۈمىنىڭ بىر تارمىقىغا كىرىدۇ. سارماتىلار بىلەن تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بار. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅷ ئەسىردىن Ⅶ ئەسىرگىچە سەبھۇن دەرياسى (بۈگۈنكى سىر دەرياسى) نىڭ شىمالىغا جۈملىدىن ئىلى دەريا ۋادىسى ۋە تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. مىلادىدىن ئىلگىرىⅥ ئەسىردىن Ⅴ ئەسىرگىچە قەبىلە ئىتتىپاقى شەكىللىنىپ، پېرسىيە ئىمپېرىيىسى ۋە كېيىنكى ماكېدونىيە ئالېكساندىرنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا تۇخرىيلارنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقتىن ئۇنىڭ بىر تارمىقى ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا كۆچۈپ كىرىپ، كەشمىردە زابولىستان دۆلىتىنى قۇرغان. يەنە بىر تارمىقى غەربىي جەنۇبقا كۆچۈپ سوغدىيانا ۋە باكتىرىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. يەنە بىر قىسمى يەنىمۇ غەربكە ئىلگىرلەپ ئارساك (پارفىيە) نىڭ شەرقىي - جەنۇبىي قىسمىغا بېرىپ، دىرانگىيانا (بۈگۈنكىئىراندىكى سىستان) رايونىدا ساكلار دۆلىتىنى قۇرغان. ساكلار كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئاساس قىلغان، ئاتلىق ئوۋ قىلىشقا، جەڭگە ماھىر. ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسمىغا كىرگەندىن كېيىن، پەيدىنپەي شۇ يەردىكى ئاھالىلەر بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن. تارىخ sāi rén ساكلار
Rate this entry

Related words

塞伊塞人ChineseUyghur
← Search