Uyghur→ChineseMain Dictionary
مىخائىلو
دۇنيا تارىخى
米哈伊洛三世
mǐ hā yī luò sān shì
(1823 - 1868) سېربىيە كىنەزى (1839 - 1842، 1860 - 1868). تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئاتىسى مىلوشنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى داۋاملاشتۇرغان. 1842-يىلى ۋوچىچ قوزغىغان سىياسىي ئۆزگىرىشتە ئاغدۇرۇپ تاشلانغان. 1860-يىلى يەنە بىر نۆۋەت كىنەز بولغان. ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلىدە، قوشۇننى ئۆزگەرتىپ تەشكىلىگەن، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزگەن، مەمۇرىي باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلغان. 1867-يىلى تۈركىيە قىسىملىرىنى سېربىيىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر قىلغان. ئۇ چوڭ سېربىيىچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، سېربىيە خاندانلىقى ھۆكۈمرانلىقى ئاساسىدا يۇگوسلاۋىيە رايونىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سېربىيە، مونتېنېگرو، گرېتسىيە، رۇمىنىيە ۋە بۇلغارىيىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بالقان ئىتىتپاقىنى قۇرپ چىقىشقا ئۇرۇنغان. مۇنارخىيىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، پارلامېنتنى كىنەزنىڭ قولىدىكى مەسلىھەت ئورگىنىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. 40-يىللارا روسىيە بىلەن ھەمكارلىشىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئاۋسترىيە بىلەن ئىتىتپاق تۈزگەن. 1868-يىلى 6-ئايدا سۇيىقەست بىلەن ئۆلگەن.