Uyghur→ChineseMain Dictionary
لىدىيە
ئۇنىۋېرسال,تارىخ
吕底亚
lǚ dǐ yà
دۇنيا تارىخى
吕底亚
lǚ dǐ yà
كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىدىكى قەدىمكى دۆلەت. لىدىيىلىكلەر مىسىيە (شىمالىدا) بىلەن كارىيە (جەنۇبتا) ئوتتۇرىسىدىكى رايونلاردا مەيدانغا كېلىپ، ئېگېي دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى يۇنان شەھەرلىرى بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولغان. ئالتۇن - كۈمۈشى ۋە بايلىقىنىڭ موللۇقى بىلەن مەشھۇر. تەخمىنەن مىلادىدىن مىڭىنچى يىللارنىڭ باشلىرىدا دۆلەت قۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ - Ⅷ ئەسىر مەزگىللىرىدە، سىممېرىئانلار بىلەن فراكىيىلكلەرنىڭ بىرلەشمە ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇش داۋامىدا مېرمىنادا سۇلالىسىنى قۇرۇپ، ساردېسنى پايتەخت قىلغان. مىلادىدىن 665 - يىلى ئىلگىرى پادىشاھ ئاردىس ئاسسۇرىيەنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا، سىممېرىئانلارنى يېڭىپ، زېمىنىنى شەرقتە پرىگىيەگىچە، غەربتە ئېگېي دېڭىزىغىچە كېڭەيتىپ، كىچىك ئاسيا دېڭىز بويلىرىدىكى كۆپلىگەن يۇنان شەھەرلىرىنى ئۆزىگە قارىتىۋالغان. مىلادىدىن 591 - يىل ئىلگىرىكىدىن باشلاپ، مېدىيە (ئىران ئېگىزلىكىنىڭ غەربىدە) بىلەن كىچىك ئاسىيا رايونلىرىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىپ، ئۇدا بەش يىل ئۇرۇش قىلغان، كېيىن كۈن تۇتۇلۇش (ھېرودوننى خاتىرىلىشىچە، يۇنان پەيلاسوپى تېلېس بۇ قېتىمقى كۈن تۇتۇلۇشنىڭ مىلادىدىن 585 يىل ئىلگىرى 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى بولىدىغانلىقىنى توغرىلىق بىلەن ئالدىن خەۋەر بەرگەن) سەۋەبىدىن يارىشىپ قالغان. ئىككى تەرەپ تۈزگەن شەرتنامىدە ھاررىس دەرياسىنى دۆلەت چېگرىسى قىلىش، پادىشاھ ئالىئات قىزىنى مېدىيە شاھزادىسىگە ياتلىق قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش بەلگىلەنگەن. مىلادىدىن 546 يىل ئىلگىرى، ئاخىرى پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى كىروئىس تەرىپىدىن يوقىتىلغان، پادىشاھ كرۇس ئەسىرگە چۈشكەن. پادىشاھلىق پېرسىيە زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن. لىدىيە شەرق بىلەن غەربنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنىگە جايلاشقانلىقتى، قول سانائەت ۋە سودا خېلى تەرەققىي قىلغن، تارىختا ئەڭ بۇرۇن پۇل قويغان دۆلەت دېيىلمەكتە.