English→UyghurMain Dictionary
Dap
ئۇيغۇر چالغۇ ئاتالغۇلىرى
داپ
داپ دۇمباق تىپىدىكى تەرەققىي قىلغان قەدىمكى سوقما چالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئاۋازى جۇشقۇن، ئۆزى يەڭگىل، ئىشلىتىشكە ئەپچىل بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئۇ قول ئالىقىنى ۋە بارماقلار بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدىغان، ئۇيغۇر مۇزىكىسىدا كەم بولسا بولمايدىغان چالغۇ ھېسابلىنىدۇ. بەزى كلاسسىك ئۇسسۇل ۋە مەشرەپلەر يالغۇز داپ بىلەنلا ئورۇندىلىدۇ.
داپنىڭ گەردىشى ئىچىگە نۇرغۇنلىغان ئۇششاق تۆمۈر ھالقىلار ئېسىلغان بولۇپ، ئۇلار داپ ئۇرۇلغاندا ئاجايىپ شىلدىرلىغان قوشۇمچە ئاۋازلارنى چىقىرىپ بېرىدۇ.داپنىڭ تۈرلىرى چوڭ - كىچىڭ ھەر خىل بولۇپ، <چوڭ داپ>، <غەغمە دېپى>، <مەشرەپ دېپى> قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئورۇنلىرىمۇ ئوخشاشمايدۇ. ئادەتتە ناخشا - ئۇسسۇللاردا ئىشلىتىلىدىغان داپنىڭ دىئامېتىرى 45 سانتىمېتىر، گەردىشىنىڭ كەڭلىكى 5.5 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. مەشرەپلەردە ئىشلىتىلىدىغان كىچىك داپنىڭ دىئامېتىرى 52 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. داپنىڭ ھاۋارايىنىڭ تەسىرگە ئۇچراپ، ئوڭايلا تېرىسى بوشاپ، ئاۋازى ئۆزگىرىپ قالىدىغان ئاجىزلىقى بار، شۇڭىلاشقا، يېقىندىن بۇيان يىلان تېرىسى ئىشلىتىلىپ ئۇنىڭ ئىقتىدارى تېخىمۇ ياخشىلاندى.
داپ ئۇيغۇر ئوركېستىرىدا ئىنتايىن مۇھىم چالغۇ بولۇپ، يېرىم دىرژورلۇق (يېتەكچىلىك) رولىنى ئوينايدۇ. داپ چالغاندا ئىككى قول بىلەن داپنىڭ ئاستىنى تۇتۇپ، ئوڭ - سول قول بارماقلار ۋە ئالىقان بىلەن مۇزىكا ئۇدارى ھەمدە رىتىملىرىغا ماس ھالدا نۆۋەت بىلەن داپنىڭ چېتى ۋە ئوتتۇرىغا يېقىنراق جايىغا ئۇرۇپ، <دۇمتاك - دۇمتاك> قىلغان ئاۋاز چىقىرىلىپ تەڭكەش قىلىنىدۇ. ئوتتۇرىدىن چىقىدىغان <دۇم> ئاۋازى كۈچلۈك ئۇدار، چېتىدىن چىقىدىغان <تاك> ئاۋازى كۈچسىز ئۇدار بولىدۇ.
داپ تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر مۇزىكىسىدا كەڭ قوللىنىلىشتىن باشقا، ئۆتمۈشتىكى خۇراپىي داخان، باخشىلارمۇ <جىن قوغلاپ كېسەل داۋالاش> تا داپتىن پايدىلانغان.
ئۇيغۇر چالغۇ ئاتالغۇلىرى
داپ
بۇ سوقما چالغۇ بولۇپ، چەمبەرسىمان تار ۋە نېپىزرەك كەلگەن ئەگمە لەمپە ياغاچنىڭ بىر تەرىپىگە تېرە كېرىلىپ يۈزى كەڭ ياسىلىدۇ ۋە قول بارماقلار بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدۇ.