UyghurMain Dictionary
مىلتون
دۇنيا ئەدەبىياتى
ئەنگلىيە بۇرژۇئازىيىسى ستۇئارت خانىدانلىقىنى ئاغدۇرۇۋەتكەندىن كېيىن،1649 - يىلى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى ھەم پادىشاھ چارلىزⅠنى ئۆلتۈردى. دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر بۇنىڭغا قارشى شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىدى. لېكىن، ئەينى چاغدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن بىر ئەنگلىيە يازغۇچىسى ۋە شائىرى كۆكرەك كېرىپ چىقىپ، نۇرغۇن سىياسىي مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىپ، خەلقنىڭ زوراۋان خاننى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ھەتتا ئۆلتۈرۈشكە ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ئەنگلىيە خەلقىنىڭ ھەققانىي ھەرىكىتىنى يۈرەكلىك ئاقلىدى. بۇ يازغۇچى ۋە شائىر دەل جون مىلتون (1608 −1674 - يىللىرى) ئىدى. ئېنگىلس ئۇنى »خاننى ئۆلتۈرۈشنى ئاقلىغان تۇنجى كىشى« دەپ قارىغانىدى.
مىلتوننىڭ دادىسى لوندوندىكى باي پۇرىتان (16 −17 - ئەسىرلەردە ئەنگلىيە بۇرژۇئازىيىسى ئۇيۇشتۇرغان دىنىي - سىياسىي ھەرىكەتكە قاتناشقۇچى) ئىدى. مىلتون كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، باستېر بولۇشنى رەت قىلىپ، ئائىلىسىگە قايتىپ، كلاسسىك ئەدەبىياتنى تەتقىق قىلدى. كېيىن، مائارىپ ۋە ئەدەبىيات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى.1649 - يىلى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلاندى ھەم جۇمھۇرىيەتنىڭ لاتىن يېزىقى كاتىپى بولۇپ، نۇرغۇن سىياسىي مۇھاكىمىلەرنى يېزىپ، جۇمھۇرىيەتنى قوغداش يولىدا تاكى ئىككى كۆزى ئەما بولۇپ قالغۇچە كېچە - كۈندۈز ئىشلىدى. ئىنقىلابنى كۆككە كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، »جەننەتتىن مەھرۇم بولۇش« ۋە »جەننەتكە قايتىش«دېگەن ئىككى داستاننى، شۇنىڭدەك بىر پارچە شېئىرىي دراما »پالۋان سانسىن«نى يېزىپ، بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە قوللاش ئىپادىسىنى بىلدۈردى.
»جەننەتتىن مەھرۇم بولۇش« مىلتوننىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئەسىرى. بۇ داستان جەمئىي12 باب، ۋەقەلىكى »ئىنجىل«دىن ئېلىنغان. شەيتان خۇدا بىلەن قارشىلىشىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، دوزاخقا تاشلىنىدۇ. لېكىن، ئۇ مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي، خۇدادىن يۈز ئۆرىگەن پەرىشتىلەرنى باشلاپ، دوزاختىن قېچىپ چىقىپ، خۇدا بىلەن داۋاملىق قارشىلىشىدۇ ھەم جەننەتكە يوشۇرۇن كىرىپ، ھەۋۋا ئانىنى ئەقىل - پاراسەتنىڭ چەكلەنگەن مېۋىسىنى ئوغرىلاپ يېيىشكە ئازدۇرىدۇ، ھەۋۋا ئانا بىلەن ئادەم ئاتا جەننەتتىن قوغلىنىدۇ. ئەسەردىكى شەيتان بىر ئۈزلۈكسىز قارشىلىشىپ، ئەركىنلىككە ئېرىشكەن ئىسيانكارنىڭ ئوبرازى، خۇدا بولسا زوراۋان خاننىڭ ئوبرازى. بۇ ئارقىلىق بۇرژۇئازىيىنىڭ مۇستەبىت خانغا قارشى كۈرىشىگە دارىتمىلايدۇ.
»جەننەتكە قايتىش«نىڭمۇ ماتېرىيالى »ئىنجىل«دىن ئېلىنغان. لېكىن، ئاساسلىق پېرسوناژلار ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت »جەننەتتىن مەھرۇم بولۇش«نىڭكىدىن ناھايىتى زور پەرقلىنىدۇ. »جەننەتكە قايتىش«تا شەيتان شەپقەتسىز ھۆكۈمراننىڭ ئوبرازى قىلىنغان، ئىسا بولسا ئىنسانىيەتنىڭ قوغدىغۇچىسى. زوراۋان ھاكىمىيەتنى يوق قىلىش، ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزۇش، جەننەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئىسا دالىدا40 كۈن ئاچلىق ئېلان قىلىدۇ.ئىسانىڭ ئوبرازى خانلىقنى تىرىلدۈرۈش مەزگىلىدىكى ئىنقىلابىي جەڭچىلەرنىڭ قەتئىي ئېگىلمەس ئالىيجاناب پەزىلىتى ۋە جەڭگىۋار روھىنى ئەگىتىپ ئىپادىلىگەن.
»پالۋان سانسىن«نىڭ ماتېرىيالى »تەۋرات. ئۇستاز خاتىرىسى«دىكى تراگېدىيىدىن ئېلىنغان. پالۋان سانسىن ئىسرائىل مىللىتى فېرىسلارغا قارشى كۈرەش قىلغاندا ئەسىرگە چۈشۈپ قالىدۇ ھەم ئىككى كۆزى ئويۇۋېتىلىپ قۇل قىلىنغاندىن كېيىن، زادىلا مۇرەسسە قىلمايدۇ. بىر قېتىم دۈشمەنلەر ئۇنى ئەلەم ماھارىتى كۆرسىتىشكە مەجبۇرلىغاندا، سانسىن بۇتخانىنىڭ تۈۋرۈكىنى تارتىپ ئۆرۈۋېتىدۇ، زال گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، ئۇ ئۆزىمۇ دۈشمەن بىلەن بىللە تۈگىشىدۇ. سانسىننىڭ ئوبرازى ئىنقىلاب دولقۇنى پەسىيىپ قالغاندا، ئىنقىلابچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ غايىسى ئۈچۈن قەتئىي تىز پۈكمەي، باتۇرلارچە كۈرەش قىلىدىغان ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن.
مىلتوننىڭ بۇ ئۈچ داستانىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى، ھەممىسىدىلا يازغۇچىنىڭ تىرىلدۈرگۈچى كۈچلەر بىلەن ھەرگىز مۇرەسسە قىلمايدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئەنگلىيە خەلقىنىڭ »خاننى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئاقلاش« ئىدىيىسىنى گەۋدىلەندۈرگەن. ئۇ ھەشەمەتلىك ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ھېسسىياتلىق مىسرالار ئارقىلىق، بۇرژۇئازىيىنىڭ فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇش تارىخىنى ئىپادىلەپ، بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابچىلىرىنىڭ قەھرىمانلىق ئوبرازىنى يارىتىشقا ماھىر.
دۇنيا تارىخى
(1608 - 1674) ئەنەلاىيىلىك شائىر. ئەنگلاىيە ئىنقىلابىدىكى ئىستىقلالىيەت مۇتەپپەككۇرى. باي پروستانت ئائىلىدە تۇغۇلغان. كىمبرىچ داشۆسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن پەن تەتقىقات ۋە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ياش چېغىدىلا گۇمانىزم ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئادەم ۇغۇلۇشى بىلەنلا ئەركىن ۋە باراۋەر بولغان دەپ قارىغان. 1638 - 1639-يىللىرى ئىتالىيىگە بېرىپ، ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدىكى ئىلغار ئىدىيىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان، كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، ئەنگلاىيە بۇردۇئازىيە ئىنقىلابىغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، مۇستەقىلچىلەرگە قاتناشقان. 1652-يىلى كۆزى ئەما بولۇپ قالغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئىشلىگەن. ھاكىمىيەت قايتا تىرىلگەندىن كېيىن تەركىدۇنيا بولۇپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان. پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىجاد قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: <جەننەتتىن مەھرۇم بولۇش>، <جگننەتكە قايتا ئېرىشىش> قاتارلىق داستانلىرى، <رېشداس> ناملىق مەرسىيىسى بار.