Uyghur→ChineseMain Dictionary
گانداماك شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
甘达马克条约
gān dá mǎ kè tiáo yuē
ئىككىنچى قېتىملىق ئەنگلىيە - ئافغانسىتان ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەنگلىيەنىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى مەجبورلاپ ئىمزالىغان تەڭسىز شەرتنامە. شەرتنامە ئىمزالانغان ئورۇن ئافغانىستاننىڭ گانداماك بازىرى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئافغانىستان پادىشاھى ياقۇپخان (1849 - 1923) بىلەن ئەنگلىيە ۋەكىلى لۇئى. كاۋاگېنار 1879 - يىلى 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئىمزالىغان. ئاساسىي مەزمونى: (1) ئەنگلىيە ئافغانسىتاننىڭ تاشقى ئىشلىرىنى كونترول قىلىش، ئۇنىڭ سىرتتىن كەلگەن ھۇجۇمىغا ئۇچرىشىدىن قوغداش؛ (2) كابۇلدا ئەنگلىيەنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ئەمەلدارى تەسىس قىلىش، ھېرات ۋە باشقا چېگرا رايونلاردا ئەنگلىيە ۋەكىلى تەسىس قىلىش؛ (3) كۇررام، پىشىن، سىبى قاتارلىق رايونلارنى ئەنگلىيەنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئەنگلىيە خايبەر، مىچنىدىن ئىبارەت ئىككى تاغ ئېغىزىنى كونترول قىلىش ھوقۇقنى ساقلاپ قېلىش؛ (4) ئەنگلىيە ھەريىلى ئەنگلىيە پادىشاھىغا 6 مىڭ فوند ستېرلىڭ ياردەم پۇلى بېرىش، دېگەنلەردىن ئىبارەت. بۇ ئەمەلىيەتتە ئافغانىستاننى ئەنگلىيەنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلدىغان شەرتنامىدىن ئىبارەت.