UyghurMain Dictionary
باقماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەمىن ئەتمەك، ئۆستۈرمەك.
تاينى باقساڭ تۇلپار بولار، بۆرە باقساڭ كۈلپەت كەلتۈرەر. ئالتە كۈن ئاچ قالساڭمۇ ئېتىڭنى باق. مېھماننى كۈت، بەرىكەت تاپ. مېھماننىڭ ئۆزىگە قارىغۇچە، ئېتىغا قارا. ئاتا - ئانىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش _ بالىنىڭ بۇرچى. ئېتىزلاردىكى زىرائەتنى پەرۋىش قىل، ھوسۇلغا تەييار تۇر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆز نۇرىنى ئادەم ياكى نەرسىگە ئۇچراشتۇرماق.
«كۆز سالماق»، «نەزەر سالماق» يېزىق تىلىدا كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ.
«كۆز تىكمەك» دىققەت قىلىپ، ئۇزاق قارىماق.
كۆزۈڭگە قاراپ ماڭ. پۇلۇڭنىڭ كەتكىنىگە قارىما، ئىشىڭنىڭ پۇتكىنىگە قارا. ئاغزىڭغا بېقىپ سۆزلە. «زامان ساڭا باقمىسا، سەن زامانغا باق. بېلى ئاغرىمىغاننىڭ نان يېيىشىگە باق. ئالغا ئاتلا، ئاۋايلا، كەينىڭگىمۇ باق، قارا. كەلگۈسىگە كۆز سال. ئۆتمۈشكە نەزەر سالسام، جىق - جىق ئىشلاردىن پۇشايمان قىلىمەن. ئۇ كېتىۋېتىپ، قىزغا كۆز تىكتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
نەزەر تاشلىماق، نەزەر سالماق، قارىماق.
كۆككە باقما، كۆپكە باق (ماقال).
قاراشلىق بولماق؛ ئاغزىغا قارىماق.
بايغا باققان قۇل بولار، كەمبەغەلگە باققان گۈل بولار (ماقال).
كۆزەتمەك، قاراپ تۇرماق، ساقلىماق، مۇھاپىزەت قىلماق.
ئۇنى ئىككى پايلاقچى بېقىپ تۇرۇپتۇ.
تەربىيىلىمەك، پەرۋىش قىلماق، ھالىدىن خەۋەر ئالماق.
بالا باقماق، كېسەل باقماق.
ئۆي ھايۋانلىرى ۋە ئۆز قۇشلىرىنى پەرۋىش قىلماق، ئاسرىماق، ئوتلاتماق.
پادا باقماق. توخۇ باقماق.
ئاختۇرماق، ئىزدىمەك.
يانچۇقىنى باقماق.
تېپىپ ئۆلتۈرمەك.
پىت باقماق. باش باقماق.
كۆچمە. يېمەك، ئىچمەك.
ئاشقا باقماق.
قېنى يولداشلار، نانغا بېقىڭلار، چايدىن ئېلىڭلار …
مۇۋاپىقلاشقان، ماسلاشقان ھالدا ئىش تۇتماق.
زامان ساڭا باقمىسا، سەن زامانغا باق (ماقال).
رەۋىشداشلار بىلەن بىرىكىپ كېلىپ تۈس مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ: 1( ئىش - ھەرىكەتنى بېجىرىشكە ئۇرۇنۇشنى بىلدۈرىدۇ.
مەن ھېچقاچان يالغان سۆزلەپ باقمىغان.
2) ئىش - ھەرىكەتنى سىناپ كۆرۈش، بېجىرىش، قىلىپ بېقىش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.
يەپ باقماق. تېتىپ باقماق