UyghurMain Dictionary
ساقلاش
پسىخولوگىيە
بۇ خاتىرىنىڭ بىر تەرىپى، يەنى بىلىم، تەجرىبىلەرنىڭ ئەستە قالدۇرۇلغاندىن كېيىن مېڭىدە ساقلانغان ۋاقىتلىق نېرۋا باغلىنىشى ياكى مېڭىدە ساقلانغان ئىزدىن ئىبارەت. ۋاقىتلىق باغلىنىش مەلۇم غىدىقلىغۇچنىڭ تەسىرى بىلەن قايتا جانلىنىدۇ، بىلىم، تەجرىبىلەر تونۇش ياكى ئەسكە كېلىش شەكلىدە ئەسلىگە كېلىدۇ. ۋاقىتلىق باغلىنىش تورمۇزلانسا، ئۇنتۇلۇش يۈز بېرىدۇ. بىلىم - تەجرىنىلەرنى مۇستەھكەم ساقلاش ئۈچۈن ئۇنتۇلۇشقا قارشى كۈرەش قىلىش كېرەك.