UyghurMain Dictionary
مارى
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى زاماندىكى پايتەختلەرنىڭ بىرى. سۈرىيىدىكى ئېفرات دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىدىكى ئەبۇ كامال ئەتراپىغا جايلاشقان. دەسلەپكى خاندانلىق دەۋرىدە سۇمېر مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئوردا، ئىستا ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلارنى بەرپا قىلغان. ئۇر ئۈچىنچى خاندانلىقى دەۋرىدىمۇ مۇنارلىق ئىبادەتخانا سېلىنغان. كېيىن بۇ شەھەرنى قەدىمكى ئاسسۇرىيىلىكەر بېسىۋالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 18 - ئەسىرلەردە خاممۇرابى بىلەن زامانداش بولغان پادىشاھ - زېمىرىلىم (مىلادىدىن تەخمىنەن 1761 - 1779-يىل ئىلگىرى تەختتە تۇرغان) دەۋرىدە مارې يېڭىۋاشتىن گۈللىنىپ، ئىبادەتخانا ۋە مۇنار ھەمدە 260 ئېغىزدىن كۆپرەك ئۆيگە ئىگە ئوردا سالدۇرغان. شەھەرنىڭ تۆت ئەتراپى سېپىل بىلەن ئورالغان بولۇپ، شەرقىدە چوڭ دەرۋازىسى بولغان، ئۇنىڭ يەنە دىپلوماتىك ئەلچىلەر مېھمانخانىسى، خانلىق كىتاب ئامبىرى، مىرزا يېتىشتۈرۈش مەكتىپى، خىزمەت ئىشخانىلىرى، ساقلاش بۆلۈمى، مۇنچا قاتارلىق ئورۇنلىرىمۇ بولغان. كېيىن بابىلون ئارمىيىسى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان. 1933-يىلدىن تارتىپ ئۇنىڭ خارابىسى كۆپ قېتىم قېزىلغان. قېزىۋېلىنغان مۇھىم ئاسار - ئەتىقىلەردىن: دەسلەپكى خاندانلىق دەۋرىدىكى ئۇر بىرىنچى خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى مېساننېپاددانىڭ مارىغا سوۋغا قىلغان گۆھەرلىرى، دەسلەپكى خاندانلىق دەۋرىدىكى مارى ھۆكۈمرانىنىڭ تاش ھەيكىلى، قەدىمكى بابىلون دەۋرىدىكى مىس شىر ھەيكىلى، جەڭچى تام سۈرەتلىرى قاتارلىقلار بار. خانلىق كىتاب ئامبىرىدىن تېپىلغان سېغىز بەتلىك ھۆججەتلەر قەدىمكى ئاسسۇرىيە دەۋرىدىن بابىلون دەۋرىگىچە بولغان خەلقئارا مۇناسىۋەت، ئىجتىمائىي ئىگىلىكنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم تارىخىي ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئانا قورسىقىدا تۆرەلگىنىگە ئۈچ ئايدىن بەش ئايغىچە بولغاندا قورساقتىن چۈشۈپ كەتكەن قوزىنىڭ بۈدۈر - بۈدۈر كەلگەن تېرىسى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
<مارىيە>