UyghurMain Dictionary
قەلەم
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . يېزىش - سىزىش قورالى.
قەلەم سېپى. * قەلەم ئۈچى. * گاڭبى قەلەم. * قەلەم تەۋرەتمەك. * قاغىنىڭ پېيى قەلەمگە يارىماس (ماقال) . * قەلەم قانچە يازسىمۇ، قەغەز چىدايدۇ (ماقال) . * قەلەم يازمايدۇ، ئەقىل يازىدۇ (ماقال).
2 . يېزىش ئىقرىدارى. ئۇ پىشقان يازغۇچى، قەلىمى كۈچلۈك.
3 . يېزىش ئىزناسى، پوچېركا. بۇ ئۇنىڭ قەلىمىگە ئوخشايدىغۇ!
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
پولوغا توغرالغان سەۋزە.
سەۋزىنى قەلەم قىلماق.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
خەت يېزىش قورالى، قەلەم:
ئالىپ ئىلكىگە ئەژدەرۋەش قەلەمنى،
يازىپدۇر سەفھەگە مۇنداغ رەقەمنى.
ناقىس.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قەلەم؛ يونۇغۇچ؛ ئۇسلۇب، ژانىر؛ ماددا، تۈر؛ شەكىل: قەلەم يونۇماق - كۆچمە مەنىدە يېزىشقا كىرىشمەك؛ قەلەم سۈرمەك - يازماق؛ قەلەم ئەتمەك - كەسمەك؛ قەلەم بەقەلەم - تۈگەل، بەتامام.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
خەت يېزىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قېرىنداش، گاڭبى، ماي قەلەم قاتارلىق ئەسۋابلارنىڭ ئومۇمىي نامى.
كۆچمە. پىكىرنى يازما ئىپادىلەش، يازما ئەسەر يېزىش ۋە بۇ جەھەتتىكى ماھارەت، قابىلىيەت.
قانچە كۆپ كىتاپ ئوقۇساڭ، قەلىمىڭ شۇنچە راۋان بولىدۇ.
كۆچمە. خەت شەكلى، پوچېركا.
بۇ قەغەزگە يېزىلغىنى ئەيسانىڭ قەلىمى.
قاشنى قارا ھەم چىرايلىق قىلىش ئۈچۈن قاشقا سۈرتىلىدىغان، ئىچىدە قارا ماددىسى بار قەلەم شەكىللىك ئەسۋاب.
قاش قەلىمى.
تۆمۈر، تاش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قاتتىق ماددىلارنى ئويۇش، كېسىش، تەكشىلەش، نەقىش چىقىرىش قاتارلىق ئىشلار ئۈچۈن گاڭدىن ياسالغان ئەسۋاب.
تاشچى يىگىت تاش كېسىدىغان قەلەم قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ تاغقا مېڭىپتۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
كەسكىن، قەلەمچە قىلىنغان؛ قەلەم