UyghurMain Dictionary
كۈن
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
يەرگە ئىسسىقلىق، يورۇقلۇق بېرىدىغان سەييارە، قۇياش، ئاپتاپ.
كۈن نۇرى. * كۈن چىقماق. * كۈن پاتماق. كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەن. * كۈن قاياقتىن چىقتى. * كۈن ئۇ ياققا، پۇل بۇ ياققا (ماقال) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . يەر ئۆز ئوقى ئەتراپىدا بىر قېتىم ئايلانغان ۋاقىت، كۈن - تۈن، سوتكا .
بىر كۈن 23 سائەت 56 مىنۇت 7 سېكۇنت. * بىر يىل 365 كۈن 6 سائەت 9 مىنۇت 10 سېكۇنت. * فېۋرال ئېيى 28 كۈن، كەبىسە يىلى 29 كۈن. * ھەر كۈنى، كۈنسايىن، كۈنسېرى. * ئۆتكەن كۈن، ئۈلۈشكۈن، ئوزاكۈن.
2 . سوتكىنىڭ ئەتىگەندىن كەچكىچە بولغان قىسمى، كۈن چىققاندىن كۈن پاتقىچە بولغان ئارىلىق. ئەمەەك كۈنى، ئىش كۈنى. *خاتىرە كۈن، تۇغۇلغان كۈن. 22 - نويابر دۇنيا تىبابەتچىلىك - دورىگەرلىك كۈنى. * بىر كۈن بولمىسا، بىر كۈن، * بىر كۈن ئاچ، بىر كۈن توق. * بىر كۈنگە ئۆكۈز ئۆلمەيدۇ، ئىككى كۈنگە ئىگىسى بەمەيدۇ (ماقال) . * توشقان تېرىسى ئۈچ كۈن چىدايدۇ (ماقال) . * كوزا كۈندە سۇنمايدۇ، كۈنىدە سۇنىدۇ (ماقال) . * كالىنىڭ گۆشى بىر كۈن، سۈتى ھەر كۈن (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . تۇرمۇش، مەئىشەت.
كۈنى تەس، كۈنى ئېغىر . * كۈنى يامان ئەمەس. * كۈنى ئالماق، كۈن كەچۈرمەك. * ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرمەك. * دىنىم ئۈچۈن ئەمەس، كۈنۈم ئۈچۈن (ماقال) . * ئادىرىماڭ يارەي، سىزگىمۇ بۇ كۈن بارەي (ماقال) . * قېرى ئەخمەق ياش ئەخمەققە كۈن بەرمەيدۇ (ماقال).
2 . ياشاش ۋاقتى، ئۆمۈر. كۈنى توشماق، كۈنى تۆگەپ، جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ قالماق. * ياخشى كۈن يوق، يامانغا ئۆلۈم (ماقال).
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
كۈن، كۈندۈز، يورۇقلۇق؛ ۋاقىت، پۇرسەت، پەيت، زامان؛ بىر كۈن.
قۇياش، كۈن:
ۋىسالى جامىدىن بىر نەچچە كۈن سەرشار ئىدىم، يارەبم
بۇ كۈن كەتتى مېنى فۇرقەت خۇمارىدا خەراب ئەيلەپ.
ئەرشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېغىر تۇرمۇش.
ئۆزىنى سورىغان تەس كۈنگە قالماس. سىرداش ئېغىر كۈندە بىلىنەر. يامان كۈن كىشىنى ئەقىللىق قىلار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياشاش يولى، ھايات ھالى، ھاياتلىقنىڭ پۈتۈن جەريانى.
تۇرمۇش بىر جەڭ. ئويلاشمىغان تۇرمۇشنىڭ قەدىرى بولماس. تۇرمۇشنىڭ پۈتۈن مەنىسى بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلىش ئۈچۈن ھارماي _ تالماي ئىزدىنىشتە ئىپادىلىنىدۇ. ھاياتتا ھەممىنىڭ ئۆلچىمى بار. ھايات قارىغۇنىڭمۇ كۆزىنى ئاچار. ھايات ھەممىنى ئۆگىتەر، ئۆگەنمىسەڭ تۈگىتەر. ئىللىقلىق بىلەن تولسۇن روزىغارىڭ، قوپاللىق بۇزمىغاي سەبرۇقارارىڭ. مەئىشەت مول بولسا، خاتىرجەملىك بولىدۇ. تىرىكچىلىكتە تۈز يول يوق. تىرىكچىلىكنىڭ بەرىكىتى خوتۇن بىلەن. ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما، شىرە چورۇقۇڭنى قۇرۇتما. جان باقماق _ پەرز. جېنىڭنى جان ئەت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سامانيولى سىستېمىسىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ بىرى.
قوياش سىستېمىسىنىڭ مەركىزى؛ يەر ۋە باشقا سەييارىلەر ئۇنى چۆگىلەپ ئايلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن يورۇقلۇق ۋە ئىسسقلىق ئالىدۇ.
كۆيدۈرسىمۇ كۈن ياخشى. كۈننى ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولماس. كۈن چىقسا كۈنگە، ئاي چىقسا ئايغا باق. پەقەت قوياشلا ھەممىنى تەڭ ئىسىتىدۇ. ئاپتاپنىڭ چىقىشىغا باق، سۇنىڭ ئېقىشىغا. ئېشەكنىڭ دۈمبىسىگە ئاپتاپ چۈشسە قولۇڭنى ئىسىت.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كۈن، قۇياش.
كۈن تۇغدى _ كۈن تۇغدى. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: كۈنگ باقسا كۆز قامۇر _ كۈنگە باقسا، كۆز قامىشار.
1 - 442
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كۈن - كۈندۈز.
بۇ كۈن بارغىل _ بۈگۈن بارغىن. «كۈن - كۈندۈز» كۈننىڭ نۇرى بىلەن ھاسىل بولغانلىقتىن، شۇنداق ئاتالغان.
1 - 442
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
كالىندار ھېسابىدا تاڭ ئېتىپ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىن باشلاپ، قۇياش ئولتۇرغانغا قەدەر بولغان ۋاقىت بىر كۈن بولىدۇ.
بىر كېچە كۈندۈزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋاقىت بىرلىكى بولۇپ، بىر كۈن 24 سائەت بولىدۇ.
قەدىمكى بابىللىقلار بىر كۈننى 24 ۋاقىتقا بۆلگەن؛ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ھىندىستانلىقلار بىر كۈننى 60 قا بۆلۈپ ئۇنىڭ ھەر بىرنى بىر <گەرى> دەپ ئاتىغان، يەنە بىر <گەرى> نى 60 قا بۆلۈپ، ئۇنىڭ ھەر بىرىنى بىر <پەل> دەپ ئاتىغان. بىر پەل 60 قېتىم كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە بولغان ۋاقىتنى بىلدۈرگەن؛ پارسلار بىر كۈننى 8 گە بۆلۈپ، ئۇنىڭ ھەر بىرىنى بىر <پاس> دەپ ئاتىغان؛ ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر كۈننى 24 سائەتكە، بىر سائەتنى 60 دەقىقىگە بۆلۈپ ۋاقىت ھېسابلىغان.
ئالىملارنىڭ ھېسابلاپ كۆرۈشىچە، بۇنىڭدىن تۆت مىليارد 500 مىليون يىل ئىلگىرى بىر كۈن ئاران تۆت سائەت بولغان، ئۈچ مىليارد يىل ئىلگىرى 18 سائەت، بىر يىل 507 كۈن بولغان. بۇنىڭدىن 570 مىليون يىل ئىلگىرى بىر كۈن 21 سائەت، بىر يىل تەخمىنەن 421 كۈن بولغان. بۇنىڭدىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھەر كۈنلۈك ۋاقىتنىڭ ئۇزىراپ بارىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەسلىدە يەر شارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش سۈرئىتى سۇنىڭ كۆتۈرۈلۈش ۋە پەسىيىشىنىڭ سۈركىلىش تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن ئۈزلۈكسىز ئاستىلاپ بارغان (يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش ۋاقتى 100 مىڭ يىلدا 1.6 سېكىنۇت قوشۇلۇپ بارغان). شۇنڭ بىلەن ھەر كۈنلۈك ۋاقىت ئۈزلۈكسىز ئۇزۇراپ بارغان. ھېسابلاشلارغا قارىغاندا 200 مىليون يىلدن كېيىن بىر يىل 300 كۈن، بىر كۈن 30 سائەت بولىدىكەن.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
خان مەلىكىلىرى
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
كۈن، قۇياش
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
شەرق
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
زامان، ۋاقىت
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قۇياش.
كۈن چىقماق. كۈن ئولتۇرماق. كۈن تۇتۇلماق.
سوتكىنىڭ قۇياش چىققاندىن تارتىپ، قۇياش پاتقانغىچە بولغان قىسمى.
يېرىم كۈن. پۈتۈن كۈن.
ئۇ كۈنلىرىنى تاماقسىز، تۈنلىرىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزەتتى.
بىر كېچە - كۈندۈزگە يەنى 24 سائەتكە تەڭ ۋاقىت؛ سوتكا.
بىر يىل 365 كۈن بولىدۇ.
بىر نەچچە كۈن شۇ يەردە تۇتۇپ قالدىم.
ئاي ياكى ھەپتىنىڭ مەلۇم بىر چىسلاسى.
پەيشەنبە كۈنى. جۈمە كۈنى.
ۋاقىت، پەيت، چاغ، زامان، دەۋر.
بالىلىق كۈنلىرى.
ئاتامنىڭ كۈنى ئەمدى داۋالانغاچ ئۆي ساقلاش بىلەن ئۆتىدىغان بولدى.
كۆچمە. تۇرمۇش، تىرىكچىلىك، ھايات.
كۈنى پۈتمەك. كۈن كەچۈرمەك. كۈن ئۆتكۈزمەك.
ئۇنىڭسىزمۇ بىزنىڭ بۇ يەردىكى كۈنىمىز ئىت - ئېشەكنىڭ كۈنى.
كۆچمە. تىنچلىق، ئاسايىشلىق، خاتىرجەملىك.
ئەگەر تاماق تۇزلۇق ياكى تۇزسىز بولۇپ قالسا، خوتۇنىغا كۈن يوق ئىدى.
كۆچمە. ئازاب - ئوقۇبەت، جەبىر - جاپا؛ ئېغىرچىلىق، كۆڭۈلسىزلىك.
پاتقاق دەرياسىغا چۆكۈپ كەتكەن ئېتىنى چىقىرىمەن دەپ ئۇنىڭ تارتقان كۈنى ئازمۇ؟
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
قۇياش، كۈن، شەرق؛ زامان
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
كۈن، كۈندەك يورۇق يۈز ئاچ، يۈزۈڭ ئاپتەپتەك ئېچىلسۇن.