UyghurMain Dictionary
سېكىگاخارا ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە ئازوچى مومويامانىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، توكۇگاۋا ئېياسۇ تويوتومى جەمەتىنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۇرۇش. تويوتومى ھىدې يوشى ئۆلگەندىن كېيىن توكوگاۋا ئېياسۇ تويوتومى سىياگونلىرىنىڭ بىر -بىرى بىلەن قارشىلىشىشىنى پەيدا قىلىپ، كاتوكىيو ماسا قاتارلىق كىشىلەرنى ئۆز يېنىغا تارتىپ ئىشىدا مىسونارىنى كۈشكۈرتكەن. توكۇگاۋا ئېياسۇ قوشۇنى بىلەن ئېشىدا مىسونارى قوشۇنى 1600 - يىلى 9 - ئايدا مىنونىڭ سېكىگاخارا (ھازىرقى گىخۇنا ناھىيىسىنىڭ فوۋا رايونى) دېگەن يېرىدە ئۇرۇش قىلغان. ئېشىدۇ مىسونارى بىلەن كونىشى يوكىناگا قاتارلىقلار ئۆلتۈرۈلۈپ، تويوتومى ھىدې يورىمۇ650 مىڭ تاغار مائاش ئالىدىغان چوڭ زېمىندار ئورنىغا چۈشۈپ قالغان. توكۇگاۋا ئېياسۇئوساكادىن باشقا ئاساسلىق شەھەر ۋە كانلارنى تارتىۋېلىپ، پۈتۈن مەملىكەت باج - سېلىقى ئومومىي سانىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان بىۋاستە قاراشلىق خوجا يەرلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، مەملىكەت خاراكتىرلىك زومىگەرلىك ئورنىنى تىكلەپ، 1603 - يىلى ئېدو باكو شوگونلۇقىنى قۇرۇپ چىققان.