UyghurMain Dictionary
ئاپتاپپەرەس
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، ئاپتاپپەرەسكە ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى يۈرەكسىمان، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ؛ يوپۇرماق ساپىقى ئۇزۇن بولىدۇ، باشاقسىمان گۈل رېتىدە سېرىق چېچەكلەيدۇ،
دائىم قۇياشقا باقىدۇ. گازىرىدىن ياغ تارتىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گازىرى ئېلىۋېتىلگەن گۈل تەخسىسى، تىلسىمان گۈلى، يىلتىزى ۋە غولى ئىچىدىكى ئاق پورى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى ئېچىلغاندا چېچىكىنى؛ مېۋىسى پىشقاندا گۈل
تەخسىسىنى، غولىنىڭ ئىچىدىكى ئاق پورى، يىلتىزى، يوپۇرمىقى ۋە ئۇرۇقىنى يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ
ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق.
ئىششىق تارقىتىش، مېڭە ۋە جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىش، ئاغرىق توختىتىش،
ئاشقازان، جىگەر ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش، ھامىلە چۈشۈرۈش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، سۈت كۆپەيتىش
خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ ئاپتاپپەرەس تەخسىسى 35 ~ 70 گرام، ئاپتاپپەرەس يىلتىزى 15 ~ 30
گرام، ئاپتاپپەرەس پورى 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئاپتاپپەرەس تەخسىسىدىن بىر دانە ئېلىپ ياكى 20 تال سوقا چىلان بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئۈچكە بۆلۈپ ئىچىپ بەرسە، يۇقىرى قان
بېسىمىدىن بولغان باش قېيىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاپتاپپەرەس يوپۇرمىقىدىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمىدىن بولغان باش قېيىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاپتاپپەرەس تەخسىسىدىن بىر تال ئېلىپ، ئوتقا قاقلاپ قۇرۇتۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا كاپ ئېتىپ بەرسە،
ئۈچەي ياللۇغى ۋە ئىچ سۈرۈپ تەرەتتىن قان كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھۆل ئاپتاپپەرەس پورىدىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئاقسىل سىيىش ۋە ئاق خۇن كۆپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاپتاپپەرەس يىلتىزىدىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك يولى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاپتاپپەرەس تەخسىسىدىن 35 ~ 70 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ، قارا شېكەردىن 35 گرام قوشۇپ تەڭشەپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز ئاغرىتىپ
كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاپتاپپەرەس ساپىقىدىن بىر تال ئېلىپ، كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت گرامدىن رەيھان شەربىتى بىلەن بىللە
ئىچىپ بەرسە، بالىياتقۇنىڭ پائالىيەتچان قانىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقىدىن 20 گرام، دولانىدىن 35 گرام ئېلىپ، قورۇپ پىشۇرغاندىن كېيىن يۇمشاق سوقۇپ، سۇدا قاينىتىپ سۈيىگە قارا
شېكەردىن 35 گرام قوشۇپ، ھەيز ۋاقتىدا ئىچىپ بەرسە، قان تۇرۇپ قېلىشتىن بولغان ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاپتاپپەرەس گۈل تاجىسىنى سۇ مېيىغا چىلاپ، يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، ھەرخىل كۆيۈككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
بىئولوگىيە
جۇخار گۈلى ئائىلىسىگە كىرىدۇ، بىر يىللىق سامان غۇللۇق ئۆسۈملۈك. غولى تىك ئۆسىدۇ، توم يىرىك، يۇمىلاق، كۆپ قىرلىق بولىدۇ. غولىنى قاتتىق تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. پور قىسمى تەرەققىي قىلغان يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، يوپۇرماق ئالىقىنى كەڭ تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، گىرۋىكىدە يىرىك ھەرە چىشى بولىدۇ، ئىككىلا يۈزىنى يىرىك تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. باشسىمان گۈل رېتى چوققىدا يالغۇز ئۆسۈپ نۇرغا ئىنتىلىشچان بولىدۇ. گۈل رېتىنىڭ گىرۋىكىدىكى جىنىسسىز گۈللەر تىلسىمان، سېرىق رەڭلىك بولۇپ مېۋە بەرمەيدۇ، ئوتتۇرا قىسىمىدىكى گۈللەر قوش جىنىسلىق بولۇپ مېۋە بېرىدۇ، قوڭۇر ياكى سۆسۈن رەڭ بولىدۇ. ئۇرۇق مېۋىسى چاسا تۇخۇم ياكى ئېللىپىس شەكىللىك، ئازراق ياپىلاق، كۈل رەڭ ياكى قارا بولىدۇ. مېۋە پوستى ياغاچلىشىدۇ. ئۇرۇقى تەركىبىدە ماي مول بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەسلى ماكانى شىمالىي ئامېرىكا بولۇپ، جۇڭگودا كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلىدۇ. ئىسسىقنى ياقتۇرىدۇ. قورغاقچىلىققا چىداملىق بولۇپ، ئىستېمال قىلىنىدىغان (ئۇرۇق دانىسى چوڭ)، ماي تارتىلىدىغان ۋە ئارىلىق تىپلىق دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئۇرۇق مېۋىسىنى ماي تارتسىمۇ، يېسىمۇ بولىدۇ. غولى، گۈل تەخسىسىنى يەم - خەشەك ياكى يېقىلغۇ قىلىشقا بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
بوتانىكا
ئى. بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى يۈرەكسىمان، سېرىق چېچەكلەيدۇ، دائىم قۇياشقا باقىدۇ، ئۇرۇقىدىن ياغ تارتىلىدۇ.
سۈپ. ئاپتاپنى ياخشى كۆرىدىغان.
ئاپتاپپەرەس ئۆسۈملۈكلەر.