Chinese→UyghurMain Dictionary
柯南道尔
دۇنيا تارىخى
كونان دويىل
(1859 - 1930) ئەنگلىيىلىك يازغۇچى. شوتلاندىيىدىكى بىر خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئېدىنبۇرگ داشۆسىنىڭ دوختۇرلۇق كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1881 - يىلى مېدىتسىنا ئىلمىي بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1899 - 1902 - يىللىرى جەنۇبىي ئافرىقا ئۇرۇشىدا ئەنگلىيە ئارمىيىسىدە ھەربىي دوختۇر بولۇپ ئىشلىگەن. 1887 - يىلى تۇنجى رازۋېتكا ھېكايىسى <قان بىلەن يېزىلغان خەت ئۈستىدە تەتقىقات>نى ئېلان قىلغان، كېيىن كۆپلىگەن رازۋېتكا ھېكايىلىرىنى يېزىپ، ئەقىللىق ۋە تەدبىرلىك خۇسۇسىي رازۋېتچىك ھولمىسنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان. كونان دويىلنىڭ <ھولمىسنىڭ دىلو تەكشۈرۈشى> ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى سيۇژىتلىرىنىڭ مۇرەككەپلىكى، ۋەقەلىرىنىڭ ئاجايىپ - غارايىپلىقى، دېلو تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ تولىمۇ قىزىقارلىقى بىلەن مەشھۇر. ئۇنىڭ يەنە تارىخىي رومانلىرىمۇ بار. كونان دويىل ئەنگلىيەنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلاپ <جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئۇرۇشنىڭ سەۋەبىي ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى>نى يازغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مەرتىۋە ئىنئام قىلىنغان.
Rate this entry