UyghurMain Dictionary
تۈركىي تىللار تۈركۈمى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تىلشۇناسلىق
ئالتاي تىلى سىستېمىسىدىكى تىل تۈركۈملىرىنىڭ بىرى. بۇ تىل تۈركۈمىگە تەۋە تىللار ئاساسەن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋروپانىڭ بەزى جايلىرىغا تارالغان. بۇ تىل تۈركۈمىگە ئۇيغۇر تىلى، قازاق تىلى، قىرغىز تىلى، ئۆزبىك تىلى، تاتار تىلى، تۈركمەن تىلى، ئەزەربەيجان تىلى، باشقىرت تىلى، ياقۇت تىلى، نوغاي تىلى، گاگاۋۇر تىلى، خاكاس تىلى، قارا قالپاق تىلى، چۇۋاش تىلى، تۈرك تىلى، سالار تىلى، يۇغۇر تىلى (سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى يۇغۇرلارنىڭ تىلىنى كۆرسىتىدۇ) قاتارلىقلار كىرىدۇ.