UyghurMain Dictionary
ئەھمەدىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھىندىستاندىكى ئىسلام دىنىدىن ئايرىلىپ چىققان ئارىلاش ئەقىدىلىك مەزھەپ بولۇپ، ⅩⅪ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ھىندىستاندا قۇرۇلدى. بۇنى قۇرغۇچى مىرزا غۇلام ئەھمەد (1935 - 1908) ھىندىستاننىڭ پەنجاب ئۆلكىسىدىن بولۇپ، ياش ۋاقىتلىرىدا ئالىي مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن. ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە ئىشلەشنى خالىمىغانلىقتىن، يۇرتىدا تۇرۇپ، سېلىشتۇرما دىنىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، بەزى يېڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1880 - يىلى ئودۇ تىلدا <بەراھىنى ئەھمەدىيە> (ئەھمەدىيىچىلەرنىڭ دەلىللىرى) ناملىق كىتاب نەشر قىلىپ، دىنىي ئەقىدە تەشەببۇسىنى شەرھىلەپ، دىنىي ئەقىدە تەشەببۇسىنى شەرھىلەپ، بۇ مەزھەپنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئىدىيىۋى ئاساس سالدى. 1889 - يىلى ئەھمەد ئۆزىنى ئاللانىڭ ۋەھىيسىنى ئالغان يېڭى پەيغەمبەر دەپ ئاتاپ، شاگىرت قوبۇل قىلىپ دىن تەبلىغ قىلىشقا كىرىشىپ، بۇ مەزھەپنىڭ شەكللىنىشىدىن دېرەك بەردى. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەقىدىسى ئىسلام دىنى، خرىستىئان دىنى ۋە ھىندى دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئاساسىدا شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (1) ئەھمەدنىڭ ئاللا ئەۋەتكەن <يېڭى پەيغەمبەر>، <يېڭى ئەۋلىيا> ئىكەنلىكىگە، مۇسۇلمانلار ئۈمىد قىلغان ھىجىرىيىنىڭ 14 - ئەسىردىكى <مۇجەددىد>، <گۈللەندۈرگۈچى> ۋە ئىمام مەھدى ئاخىر زاماننىڭ ئۆزگەرگەن گەۋدىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش لازىم. (2) ئەھمەدنىڭ بىرلا ۋقىتتا ھەم خرىستىئان دىنىنىڭ ئىجادكارى مىسسىيە ۋە ھىندى دىنىنىڭ خۇداسى ۋىشنۇنىڭ ئۆزگەرگەن گەۋدىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش لازىم. ئىيسا ئەلەيھىسسالام كرىستقا مىخلانمىغانلىقىنى، پەرىشتىلەرنىڭ قۇتقۇزۇشى بىلەن كەشمىرگە قېچىپ كەلگەنلىكىنى ھەمدە يەرلىك ئاھالىغا بەخت خەۋىرىنى يەتكۈزگەنلىكىنى، ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى. ئەھمەد ئىيسا خرىستوس تېنىنىڭ تىرىلىشى ئەمەس، بەلكى ئىيسا خرىستوسنىڭ <روھىي ۋە كۈچى> گە ئىگە مىسسىيەنىڭ ئىككىنچىلەپ پەيدا بولۇشىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى پۈتۈن ئىنسانىيەتنى دوزاخ ئوتىنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇش دەپ قارىدى. (3) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاخىرقى پەيغەمبەر ئەمەس، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە پەيغەمبەر كېلىدۇ. ئەھمەد <يېڭى پەيغەمبەر> بولۇپ، ئۇ ئۆزگەرتىپ مۇكەممەللەشتۈرگەندىن كېيىننكى ئىسلام دىنى <پاك> ئىسلام دىنى بولىدۇ. ئۇنىڭ تەلىماتىغا ئىشەنگەنلەر <چىن> مۇسۇلمان بولىدۇ، دېدى. (4) دۇنيادىكى چوڭ دىنلار بىر مەنبەدىن كەلگەن. ھەر قايسى دىنلارغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئىناق بىللە ياشىشى كېرەك، دەپ قارىدى. ئىسلام دىنىنىڭ جىھاد قارىشىنى بىكار قىلدى. غەرب مۇستەملىكچىلىرى بىلەن تىنچلىقتا بىللە ياشاشنى تەشەببۇس قىلدى. 1900 - يىلى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەزھەپنى مۇستەقىل مەزھەپ دەپ ئېتىراپ قىلدى. لېكىن ھىندىستاندىكى كەڭ مۇسۇلمانلار، دۇنيانىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر بۇ مەزھەپنى مۇسۇلمان ئەمەس، دەپ قاراپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلمىدى. ئەھمەد ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مەۋلەۋى نۇردىن ئۇنىڭ ئورنىغا چىقىپ، ئۆزىنى خەلىپە دەپ ئاتىدى. كېيىن ئىچكى جەھەتتىكى پىكىر ئىختىلابى تۈپەيلىدىن بۇ مەزھەپ 1914 - يىلى ئىككى تەرەپكە بۆلۈنۈپ كەتتى. قادىئان تارمىقى دەسلەپكى ئەقىدىدە چىڭ تۇرۇپ، 500 مىڭ مۇخلىسى بالىقىنى، بۇلارنىڭ يېرىمى پاكىستاندا، قالغىنى ھىندىستاندا ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ تارماق مەزھەپ پاكىستاندىكى رابۋاھدا باش ئورگان تەسىس قىلىپ، سودا قىلدى. پۇلى كۆپ بولۇپ، تەشكىلىي تۈزۈمنى چىڭىتتى. نۇرغۇن مەكتەپلەر ئاچتى. كىتاب - ژۇرنال نەشر قىلىپ تارقاتتى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا نۇرغۇن دائىلارنى ئەۋەتىپ، كەڭ تەسىر كۆرسەتتى. لاھورنى باش ئورگان قىلغان لاھورچىلار ئەھمەدنىڭ باشلىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، پەيغەمبەرلىكنى ئىنكار قىلدى. بۇلارنىڭ ئادىمى ئازراق بولسىمۇ، لېكىن ئادەملىرىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى يۇقىرى، سىياسىي ساھەدە ۋە نەشرىيات، دىنىي تەبلىغات جەھەتلەردە ئىنتايىن جانلىق بولۇپ، ئىچكى جەھەتتە ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتىنى قوزغىدى. 1953 - يىلى ئەتىيازلاردا لاھور ۋە پەنجاب رايونلىرىدا ئەھمەدىيەگە قارىتىلغان پاراكەندىچىلىك يۈز بېرىپ، بۇ مەزھەپ مۇخلىسىلىرىنىڭ ھۆكۈمەتتە ئۈستىگە ئالغان ھەممە ۋەزىپىلىرىدىن قالدۇرۇش، بۇ مەزھەپنى <مۇسۇلمان ئەمەس ئاز سانلىقلار> دەپ ئېلان قىلىش تەلەپ قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن كەڭ كۆلەملىك قانلىق توقۇنۇش پەيدا بولدى. پاكىستان ھۆكۈمىتى بۇ رايوننى ۋە لاھور شەھىرىنى ھەربىي ئىدارە قىلىشقا مەجبۇر بولدى. 1970 - يىلىدىن كېيىن ھەر نۆۋەتلىك پاكىستان ھۆكۈمىتى بۇ مەزھەپنى <بىدئەت> ۋە <قانۇنسىز> دەپ جاكارلاپ، ئۇلارنىڭ پائالىيىتىنى قاتتىق باشقۇردى. لېكىن، بۇ مەزھەپ ئۆزىنى ئىسلام دىنىدىكى مەزھەپلەرنىڭ بىرى، دەپ چىڭ تۇردى.