Chinese→UyghurMain Dictionary
法国一八四八年革命
دۇنيا تارىخى
1848-يىلدىكى فرانسىيە ئىنقىلابى
ⅩⅨئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى فرانسىيەبۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابى. 1848-يىلىدىكى فېۋرال ئىنقىلابىدىن 1851-يىل 12-ئاينىڭ2-كۈنى لۇئى بوناپارت سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغانغا قەدەر تۆت يىلغا يېقىن داۋاملاشقان. بۇنى ئۈچ مەزگىلگە بۆلۈشكە بولىدۇ:(1)1848-يىل 2-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە. فرانسىيە فېۋرال ئىنقىلابى ئىيۇل سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان، كورۇل لۇئى فىلىپ چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن، بۇرژۇئازىيەۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ مەزگىلدە بۇرژۇئازىيەنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلىرى ئۇششاق بۇرژۇئازىيەنىڭ دېموكراتچىلىرى ۋە پرولېتارىياتنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ ئۈچ تەرەپ بىرلىشىپ ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن؛ (2)1848-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 1849-يىل 5-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە. ئاساسىي قانۇن تۈزۈش خەلق پارلامېنتى مەزگىلىدە پرولېتارىياتنىڭ ئىيۇن قوزغىلڭى باستۇرۇلۇپ، بۇرژۇئازىيە جۇمھۇرىيەتچىلىرى مەغلۇپ بولغان؛ (3)1849-يىل 5-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 1851-يىل 12-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچەقانۇن بېكىتىش خەلق پارلامېنتى مەزگىلىدە ئۇششاق بۇرژۇئازىيە دېموكراتچىلىرى، بۇرژۇئازىيە جۇمھۇرىيەتچىلىرى ۋە تەرتىپچىلىرى مەغلۇپ بولۇپ، بوناپارتچىلار غەلىبە قىلغان.بۇ قېتىمقى ئىنقىلاب مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان، بۇرژۇئازىيە دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ۋەزىپىسى ئورۇندالمىغان، لېكىن ياۋرۇپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىنقىلابىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. ماركىس <1848-يىلدىن 1850-يىلغىچە فرانسىيەدىكى سىنىپىي كۈرەش>، <لۇئى بوناپارتنىڭ تۇمانلىق ئېيىنىڭ ئونسەككىزى> قاتارلىق ئەسەرلىرىدە بۇ قېتىمقىئىنقىلابنى يەكۈنلەپ، ئىشچىدېھقانلار ئىتتىپاقى، كونا دۆلەت ئاپپاراتىنى پاچاقلاپ تاشلاش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى مۇھىم پرىنسىپلارنى ئوتتۇرغا قويغان