UyghurMain Dictionary
كىئانو
دۇنيا تارىخى
(1903 - 1944) ئىتالىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1936 - 1943)، فاشىست كاتتىباشلارنىڭ بىرى. دېڭىز ئارمىيىسى گېنېرالى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. رىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن ئۆگەنگەن. 1925 - 1930 - يىللىرى ئىتالىيەنىڭ برازىلىيە، ئارگېنتىنا ۋە جۇڭگودا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىمى بولغان. 1930 - يىلى مۇسسۇلىننىڭ چوڭ قىزى بىلەن توي قىلغان. 1935 - يىلى تەشۋىقات ۋەزىرى بولغان. 1936 - يىلىدىن باشلاپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ، <بېرلىن - رىم - توكيو ئوق مەركىزى>نى پىلانلىغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان. 1943 - يىلى 2 - ئايدا ئىتالىيە ھەربىي ئىشلاردا ئوڭۇشسزلىققا ئۇچرىغاندا، ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىغا تەسلىم بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىستېپا بېرىشكە مەجبور بولۇپ، ۋاتىكاندا تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. شۇ يىلى 7 - ئايدا، فاشىستلارنىڭ ئەڭ ئالىي يىغىنىدا، مۇسسۇلىنغا قارشى تۇرۇپ ئاۋاز بەرگەن. 12 - ئايدا گېرمانىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. ئىككىنچى يىلى 1 - ئايدا شىمالىي ئىتالىيە فاشىست قورچاق ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. 1939 - 1943 - يىللىرىدىكى كۈندىلىك خاتىرىلىرى نەشر قىلىنغان.